-
2010-08-19
ئىلى دەرياسى - [يازمىلىرىم]
ئىلى دەرياسى
ئاقىدۇ شاۋقۇنلۇق ئىلى دەرياسى،
بۇژغۇنلۇق دولقۇنى سادىر سىماسى.
شاۋقۇنى ئۇنىڭ ئەلنىڭ ناۋاسى،
كۆكەرگەن ۋادىلار تارىخ گۇۋاسى.
ساي-سايدىن كەلگەن تارماق ئېقىنى،
قوشۇلغاچ گوياكى غايەت زور يىلان.
ئىدىغۇ ئاققاچقا يالماپ ھەممىنى،
ئاۋامغابالايى ئاپەت ،ھەم زىندان.
تالايلاپ ئوغلانلار باغلاپ بىلىنى ،
سادىردەك كەچكەنغۇ كېچىكلىرىنى.
تىزگىنلەپ ئەجدادىم شاشلىقلىغىنى،
قاندۇردى< ئاق ئۆستەڭ> ئېچىقلىرىنى.
يۇگەنسىز تۇلپاردەك تالاي ئەسىرلەر ،
بىھۇدە ئاققاتتى، پەقەت< سال >سالغان.
قارىڭا كۆۋرۇكتىن قىسقان ئۇگۇل تاجا،
قاشلاردا تارىخنىڭ ئىزى قېپ قالغان.
مەڭگۇ گە دولقۇنلا ئىلى دەرياسى ،
باغرىڭدۇر ئەۋلاتلار گۇزەل دۇنياسى.
سەن بىلەن چىچەكلەپ كۆڭۆل ئارزۇسى،
ياشنايدۇ يۇرتۇمنىڭ ھەر بىر گىياسى.
2009-11-12
历史上的今天:
مىنىڭمۇ ئانام ئۇ تۆھمەت چاپلىما 2010-08-19كۆزۇمدىن ئاقىدۇتاراملاپ قان ياش! 2010-08-19ئالدىراپ تويما بۇ جاندىن! 2010-08-19ناخشا ئاڭلاڭ: يىگانە 2010-08-19كود ئىجىرا قىلىش بېتى 2010-08-19
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.