ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-08-19

    مىنىڭمۇ ئانام ئۇ تۆھمەت چاپلىما - [يازمىلىرىم]

    مىنىڭمۇ ئانام ئۇ تۆھمەت چاپلىما.

    توردىن" قىزلار ئالۋاسىتى ماڭا بىر چاپلاشقان"دىگەن تېمىدىكى شېئىرنى كۆرۈپ قىلىپ، جاۋابەن بۇ شېئىرنى يازدىم.قىزلىرىمىزغا مۇنداق ئاھانەت قىلمايلى،ئۇلار سىزنىڭ، مىنىڭ،ھەممىمىزنىڭ ئانىسى بولغان ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى!

    قىزلارنى"ئالۋاستى" دەپسەن ئويلاشماي،

    شۇ قىزلارتايىپى بىلگىن ئاناڭمۇ.

    زوراۋان - قىزلارمۇ؟ ئەسلى ئۆزەڭسەن،

    گۇۋاھ بولۇر ھەتتا سىنىڭ بالاڭمۇ!

     

    قارىغان بولغىيتىڭ ئالۋاستى دىمەي،

    ئۇلارنىڭ ئىشقىداسەۋدا بولغىچە.

    قۇتلۇقلاپ يۇرىۋەر تەنھالىقىڭنى،

    ياشاۋەر بىر ئۆزەڭ،"تەشنا بولغىچە".

     

    چۈشۈڭدە كۆرگۈنىڭ"رەزىل قىزلار"كەن،

    " ئۇلۇغۋار چۇش كۆرۇش" نىسىپمۇ بولماس!

    چىن تۆمۈرگە خاستۇر مىسران قىلىچ،

    مەختۇمسۇلا ھەرگىز بىر رەزىل ئەمەس!

     

    قان ئىچەر تەبىئەت سىنىڭدە بولسا،

    ئىچىشتىن يانمايسەن مەينەت قانلارنى.

    بىلەمسەن نوزۈكۈم قەيسەر ئاناڭدۇر،

    چۈچۈيسەن قارلىدىڭ ھەتتا ئۇلارنى.

     

    ئەلمىساقتىن بارتى " ئاۋاستى قىزلار"،

    شۇلارنىڭ پۇشتىسەن ھەرگىز ئۇنۇتما.

     شېئىر يازدىم دەپ، ھاقارەت قىلمىغىن

    مىنىڭمۇ ئانام ئۇ تۆھمەت چاپلىما!

     

    2010-06-20


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.