ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-08-21

    شائىر:مەھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىن - [سەنئەت]

    ﻳﺎﺭﯨﻤﻐﺎ ﻣﻪﻛﺘﯜﭖ

    ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﻝ ﻳﺎﺭﯨﻢ،
    ﺗﺎﯕﻼ ﻛﻪﻟﺴﻪﯓ ، ﺑﯘﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ،
    ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯩﮕﯩﺖ - ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ،
    ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﺋﻪﺗﻪﺟﺎﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﺗﻪﻧﮭﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ،
    ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﻣﻪﻥ ﺗﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭘﺘﯩﻤﻪﻥ،
    ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻗﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﺑﯘﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ،
    ﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﯓ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﺗﺎﯕﻼ ﻛﯚﺭﺳﻪﯓ ﺗﺎﻧﺎﺭﺳﻪﻥ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ،
    ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﯞﺍﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ.
    ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺮﻩﻱ ﺑﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ،
    ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺭﺍﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ.

    ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪ، ئەﺯﯨﺰﯨﻢ

    ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪ، ئەﺯﯨﺰﯨﻢ،
    ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻰ ﺗﻮﻻ.
    ﻳﺎﺧﺸﻰ ئەﻣﻪﺱ ئاﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺵ،
    ئاﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻳﯧﺸﻰ ﺗﻮﻻ.

    ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎﻛﻪﺗﻤﻪ،ئەﺯﯨﺰﯨﻢ،
    ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ.
    ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ،
    ئاﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ؛  ،،ئاﺷﯩﻘﯩﯔ ﺑﯩﺰ،،ﺩﻩﭖ،

    ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪ، ئەﺯﯨﺰﯨﻢ،
    ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﯩﻜﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯘﺭ،
    ﻏﻪﻣﻠﯩﺮﯨﯖﺪﻩ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ،
    ﺳﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﺗﯩﻨﯩﭻ ئەﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.

    ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪ،ئەﺯﯨﺰﯨﻢ،
    ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ،ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ.
    ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ،
    ئوﻳﻐﺎﻧﺴﺎﻡ ﻳﻮﻕ ئۇﯕﯘﻣﺪﺍ ﺑﯩﺮﺍﻕ.

    ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ

    ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺑﻮﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ،
    ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ.
    ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﯜﺭﺳﻪﯓ ﺳﯜﺭﯨﯟﻩﺭ،ﺋﻪﻣﻤﺎ،
    ﻳﯜﺭﻣﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ-ﺋﯩﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ.
    ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺧﺸﻪﻧﺪﻩ،
    ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ.
    ﺋﯩﺸﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﻢ،ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﻢ،
    ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺗﺎﯕﺪﻩﻙ ﺗﯘﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ.
    ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﯓ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﻳﯜﺭ ﮔﯜﻟﯜﻡ،
    ﺑﺎﻏﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﺎﺭﺍﯕﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ.
    ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﻪﺭ ﺗﻮﻻ،
    ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ.

    ﻳﺎﺗﻼﺷﺘﯘﻕ

    |يامان كۇنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
    پالازدىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
    سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى، گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
    تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
    ئۇچۇپ چىختۇق دىسەك كوككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق...

    تىزىق مونچاق ئىدۇق بىزلەر، ئانام بوينىدىكى گويا،
    سۇزۇك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
    ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە، ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
    تۇگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى، چومۇش چويلىدىكى گويا.
    بىراق بىزنى جاھان ھەريان، ئۇزۇپ تاتقاندا ياتلاشتۇق...

    ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ، يۇرۇپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
    بوران چىقسا ماكان ئەتكەن، ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
    ئېقىن ئەتتۇق، چېپىپ كەتمەن، چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
    باراتتا بىرگە بولغانتۇق، ئېچىپ رامزاننىمۇ بىللە.
    چىرايلىق ئوي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق...

    ئانام كەتتى بىرەر ئويدە، تۇزۇك توت كۇن تۇرالماستىن،
    ئېلىندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاندى سورالماستىن.
    دادامنى مەنمۇ كەتكۇزدۇم، بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
    مىراس ماجراسىغا چۇشتۇق، تېخى قىلچە ئۇيالماستىن.
    شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق...

    زورۇر بولسا مالاي قىلدۇق، شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
    كېلىنلەر چاچ سوقۇپ يۇردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
    تېزەك يىققاننى ئاز كورۇپ، شۇلارغا ئۆچكە ساغقۇزدۇق،
    تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوھنى تاپقۇزدۇق.
    باقار چاغدا باھانە كوپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق...

    ئاتا كەتتى، ئانا كەتتى، دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى،
    قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يەرىگە دەز كەتتى،
    ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى.
    ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
    شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق...

    ئۇزاق ئوتمەي سۇكۇت پۇتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
    بىرى ئەلچى قويۇپ ئاستا، بىرى ئاشكارا دەپ چىقتى.
    بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق، بىرى چەيدو بىلەپ چىقتى،
    ھازازۇل نەپسىمىز ئاھىر، جىمى ئىشنى سورەپ چىقتى.
    قىرىق يىللىق قېرىنداشلار، مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق...

    شۇنىڭدىن بېرىقى كۇنلەر، ئوتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
    قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر، ئارادا يازنى قىش قىلماي.
    تىنىقتىنمۇ تولا كوت-كوت، كەسەكنى كەلدى ھىش قىلماي،
    يۇرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سوز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلماي.
    نىزا گۇلخانلىرى دىلدا، كويۇپ يانغاندا ياتلاشتۇق...

    نىزالار ئۇلغۇيۇپ سەلدەك، ھەسەتخورلۇققا يۇزلەندى،
    مېنىڭ ئىللەتلىرىم قۇمدەك، سېنىڭ ئاغزىڭدا سوزلەندى.
    "سېنىڭدىن مەن قالامدىم"نىڭ ئىگىز مۇنبېرى كوزلەندى،
    قېرىنداشلىق گۇلىستانى، تامام چەيلەندى تۇزلەندى.
    ئەجەپ ئالەم ئىكەن قوشلاپ، سېيىر ساغقاندا ياتلاشتۇق...

    خوتونلار پادىشا بولدى، سېنى بەنلەپ، مېنى بەنلەپ،
    خوتونلارغا خوتون بولدۇق، ئېغىز ئاچساق قوپار سەنلەپ.
    تېنىيدۇ يەڭگىلەر سىنچاي، ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
    ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ، يەنە ئوقيارىنى بەنلەپ.
    شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ، تۇگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق...

    ئۇگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا، تۇرۇپ قىيداش-يامانلاشنى،
    ئوتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى.
    قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن، بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
    نىزادا ئۆتتى ھېيت-ئايەم، قىلالماي جەم قەرىنداشنى.
    ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق...

    قېرىنداش بولۇپ يارالغانلار، تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن،
    قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى، دالا-تۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
    بېغىدا ھىچ باھار-ياز يوق، غازاڭ كۇزدەكمىدۇ دەيمەن،
    دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق، سۆزى مۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
    يۇمۇپ كوز بارچە نۇقساندىن، تۇگەل تانغاندا ياتلاشتۇق...

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.