ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-08-10

    قېرىندىشىمغا - [يازمىلىرىم]

    قېرىندىشىمغا

    ئەجدادلىرىڭ ئۆتكەن ئەزەلدىن،

    ئەدەپ-ئەخلاق شەرمىي ھايالىق.

    ئوغلانلىرى چەبدەس ھەم ئىشچان،

    قىزلىرىمۇ ئىپپەت نۇمۇسلۇق.

     

    ئەمەس ئىدى ئەرلەر چاكىنا،

    ھەممە ئىشى يوللۇق-يوسۇنلۇق.

    <مەنمۇ ئەركەك> دەيدۇ بەزىلەر،

    قىلىق،سىياقى< چوكان> تۇرۇقلۇق!

     

    قويۇش ئۇزۇن چاچ ئەلمىساقتىن،

    داۋاملىشىپ كەلگەن مۇماڭغا.

    قارا سىڭلىم ئەمدى ئۆزەڭگە،

    قېرىپ ئوخشاسەن قانداق مومايغا؟

     

    نەزىر-چىراق، توي- تۆكۇنلەردە،

    ساھىپخانتى چەبدەس، كىيىكتەك.

    سالالمايسەن دەستخاننىمۇ،

     تۆكۇپ چاينى خۇددى چولاقتەك.

     

    ئاددى ئۆتكەن ئاتاڭنىڭ تويى،

    ئاددى ئىدى ئاناڭنىڭ ئۆيى.

    قىلدىڭ چوڭ توي ئەتىۋا بالا،

    يىغىپ ئونلاپ ماشىنا توپى...

     

    سورۇن تۇزۇپ ھويلا،ئايۋاندا،

    بوۋىلىرىڭ مەشرەپ ئوينىغان.

    جوزا بولاپ داڭۋازلىق قىلىپ،

    تاپقىنىنى بۇزۇپ چاچمىغان.

     

    ئەينىگى سەن بالاڭنىڭ سىڭلىم ،

    سۇرەر ئۇمۇ سەن ئەڭلىك سۇرسەڭ.

    تەربىيەڭ شۇمۇ بالاڭنى تاشلاپ ،

    كېچە-كۇندۇز چايلاردايۇرسەڭ.

     

    يىراق ئىدى زەھەردىن ئاتاڭ،

    روھى ، جىسمى ساغلامتى شۇڭا.

    چېكىپ زەھەر بولدۇڭ رو چىۋىن،

    دوزاق ئىشىگى ئوچۇقدۇر ساڭا....

     

    شۇمۇ يىتەر ئەمدى بولدى بەس،

    نادانلىقنى تۈگەتكىن تۈگەت.

    ئىلىم- پەنگەيۇرۇش قىلمىساڭ،

    باسار سېنى پايانسىز ھەسرەت.

    2010-5-10


    历史上的今天:

    ھايات 2010-08-10

    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.