-
2010-08-13
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟ - [يازمىلىرىم]
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
ئەزىزلىگەن بوينۇمدىكى تۇمار دەپ،
ئۇسسۇغاندا بەرگەن مانا ئانار دەپ.
ئېلىپ كەتسەڭ ئۇي بىساتنى قىمار دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
********
بىلىم ئالسا ئاق-قارىنى تونار دەپ،
مەرد يىگىت بوپ جەڭگاھلاردا قوناردەپ.
قېيىپ كەتسەڭ تۇز يولۇڭدىن خۇمار دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
******
ئۈمىد قىلغان بالام ماڭا قارار دەپ،
ئويلىمىغان باش كۆزۇمنى يارار دەپ.
بۇزۇپ، چاچساڭ ئاتام يەنە تاپار دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
*******
كۇتمىگەنتى مالاي بولۇپ چاپار دەپ،
مەنپەت ئۇچۇن ۋىژدانىنى ساتار دەپ.
زورلۇق قىلساڭ" باشلىق مىنى ياپار"دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
******
ئەجىرقىلغان ئىزلىرىمنى باسار دەپ،
ئۇزاق يۇلنىڭ داۋامىنى ئاشار دەپ.
ئەمدى دىسەڭ كىم ماڭسا ماڭار دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
******
كۇتكەن ئەلگە جاننى پىدا قىلار دەپ،
روھى ئۆلمەس، تىلدا داستان بولار دەپ.
ئوڭدا ياتساڭ يانچۇق قاچان تولار دەپ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
******
نى قىسمەتكە باش ئەگمىدى كىتەر دەپ،
قىلغىنىمنى بالام بىركۈن بىلەر دەپ.
پۇشمان يىسەڭ كىچىكتىڭغۇ، ئاھ- زار دەپ ،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
*********************
تۆرەلدىڭ سەن شۇ ئاتاڭنىڭ جىسمىدىن،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەۋلادىدىن نەسلىدىن.
تىنىپ كەتسەڭ ئەجدادىڭنىڭ ئەسلىدىن،
باققىنىغا ئاتاڭ رازى بولارمۇ؟
2010-4-20
收藏到:Del.icio.us