• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغاندا قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشكە سەل قارىماڭ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-12-13
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر – ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك باشقۇرۇش تەدبىرىدۇر. نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرىدىغان مەھسۇلاتلار دىزېل موتورى، سۇ پومپىسى، موتورلۇق دان ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت بۇ مەھسۇلاتلارغا بەرگەن ئىجازەتنامىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. كارخانىلار ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان يېڭى مەھسۇلاتلارغا بېجىرگەن ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئالتە ئاي بولىدۇ.    يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسى. بۇ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك باشقۇرۇش تەدبىرىدۇر. بۇ تەدبىر مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنى كارخانىلار ئىختىيارلىقى بىلەن تەلەپ قىلىدۇ. مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دەلىللەپ تارقىتىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دەلىللەپ تارقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ.    مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى. بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ماس كېلىش دائىرىسى شۇنىڭدەك ئىقتىدار ئالاھىدىلىكى، تېخنىكىلىق سان – سېپىرلىرى، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىجرا قىلىنغان ئۆلچەمنىڭ شەرتلىك بەلگىسى، ئىش پىرىنسىپى ۋە ئالاھىدىلىكى، مەشغۇلات قىلىش قائىدىسى، ئادەتتىكى كاشىلىلار ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى، ئاسراش، قوشۇمچە زاپچاسلارنىڭ تىزىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى. بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى زاۋۇتتىن چىققاندا سۈپەت تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ياكى كارخانا ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغان مەھسۇلاتلارغا كارخانا تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان گۇۋاھنامىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە: يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنىڭ نامى، زاۋۇت نامى، تەكشۈرگۈچىنىڭ نومۇرى، تەكشۈرۈلگەن ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    مەھسۇلات نامى تاختىسى. بۇ ئادەتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنىڭ نامى، تىپى، سىرتقى ئۆلچىمى، سەپلەنگەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى، سۈپىتى، زاۋۇتتىن چىقىش نومۇرى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىجرا قىلىنغان ئۆلچەمنىڭ ۋاكالەت نومۇرى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى، زاۋۇت نامى، ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    ئۈچكە كېپىل بولۇش ئىسپاتى. بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىلغاندا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا بېرىدىغان تالون ۋە ئىسپاتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەلۇم ۋاقىتقىچە ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇپ بېرىشكە كېپىل بولىدىغان ئىسپاتتۇر. ئۇنىڭدا مەھسۇلاتنىڭ نامى، ئۆلچىمى، تىپ نومۇرى، ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە رېمونت قىلغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، پوچتا نومۇرى، ماشىنىنىڭ ئۈچكە كېپىل بولۇش ۋاقتى بىلەن ئاساسلىق زاپچاسلىرىنىڭ ئۈچكە كېپىل بولۇش ۋاقتى، رېمونت قىلىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹خەلق گېزىتى››دىن گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى2Ilئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سىياسەت قانۇن نىزام