7-باپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
58-ماددا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىكى تەلەپكە بىنائەن ، قارىمىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بىر دەرىجە تۆەن خەلق ھۆكۈمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ .
59-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك .
60-ماددا ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ ، پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ھەققىدىكى مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>