2-باپ سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش
19-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كۆپەيتىدۇ ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارغا بولغان كرېدىت ياردىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مەلۇم مۇددەتتە ئاز سوممىلىق كرېدىت ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ .
20-ماددا دۆلەت شەھەر-يېزىلاردا بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، شەھەر ، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ .
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كىچىك شەھەر-بازار يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ، شۇ رايوندىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدۇ .
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەرگە تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ ؛ ئەمگەك كۈچى چىقارغان ۋە كىرگۈزگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ماسلىشىپ ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>