66-ماددا كەسپىي ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى قاتارلىق كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ .
كەسپىي ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگلىمىلەرگەخىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىلەردىن زالوك ئالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ھەربىر كىشى ئۈچۈن 500 يۈەندىن يۇقىرى ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەمدە جەرىمانەقويىدۇ .
67- ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئاجرىتىشقا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە جازالايدۇ .
68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن ، مال-مۈلكىگە زىيان سالغان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>