(2012–يىل12–ئاينىڭ31–كۈنى)
پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئاساسنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ چىقىش يولى قىلىش؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ماسلاشتۇرۇپ، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى تۈۋرۈك قىلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسى ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇش ۋە سانائەت يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش، شەھەر يېزىلارغا ياردەم بېرىشتەك بىر يۈرۈش زور سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى، شەھەر – يېزىلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈم رامكىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، دېھقانلار زور نەپ ئالدى، يېزا، كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يەنە بىر ئالتۇن دەۋرنى كۈتۈۋالدۇق ھەم جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلتۈردۇق. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە ئۇدا توققۇز يىل مول ھوسۇل ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردۇق. دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۇدا توققۇز يىل خېلى تېز كۆپەيدى، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ياشاش ۋە كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى. يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىپ، خەلق رايىغا ماس كەلگەن نۇرغۇن چوڭ ئىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلدۇق. يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈم ئىسلاھاتىدا زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنى ئايرىۋېتىش تۈزۈلمىسىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش قەدىمى تېزلەشتى. يېزىلاردا پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېزىلاردا ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدۇق. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە زور دەرىجىدە ئېشىشىغا، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ خىلمۇخىل خەتەر ۋە خىرىسلار داۋامىدا غەلبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۈللىنىپ راۋاج تېپىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى، تاقابىل تۇرۇش جاسارىتىگە ئىگە قىلدى، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى زور سىياسەت ۋە فاڭجېنى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل بولدى.
سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئېشىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات – تەلەپ مۇناسىۋىتىدىكى قۇرۇلما زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى جەھەتتە تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزدىن بىرلەشتۈرۈشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئادەم كۆپ، يەر ئاز، سۇ كەمچىل بولۇشتەك زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇتلەق ئېشىپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىرتقا تايىنىشچانلىقى روشەن كۈچىيىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولدى؛ يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆچۈشى بىلەن، دېھقانلارنىڭ قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى، يېزا، كەنتلەرنىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قېلىشى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەت تەلىپى كۆپ مەنبەلىشىپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇشى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ؛ خەلق ئىگىلىكى بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىيات باغلىنىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقى ئامىلىنىڭ ئېقىپ كېتىشى تېز بولغانلىقتىن، شەھەر – يېزىلارنىڭ مۇھىم ئامىللارنى باراۋەر ئاساستا ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش تەلىپى تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇپ قالدى، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىنىڭ كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىشتە ۋەزىپە مۈشكۈل، مەنزىل يىراق. شۇڭا، باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ كۈچى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
2013 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش››تەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى كۆپەيتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىسلاھات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىش خىزمەت نىشانى بويىچە، يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى، سىياسەت ياردىمى ۋە پەن – تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا، يېزىلارنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلىشىش، كەسىپلىشىش، تەشكىللىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى نۇقتىلىق شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
بىرىنچى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى – تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاش كېرەك
دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى – تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن – ئاخىر مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە قەتئىي بوشاڭلىق قىلماي، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي ۋە تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.
1.يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە كۆلەم مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلما سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىم كۆپەيتىش ھەرىكىتى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان 800 ناھىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق كۈچەيتىلىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر ئاپتونوم رايوندا سۇ تېجەش، ئاشلىق ھوسۇلىنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى، ئاشلىقتا مول ھوسۇل ئېلىشقا دائىر تېخنىكا قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. ئەۋزەل كەسىپ رايونلىرىدا كېۋەز، ياغلىق دان، شېكەر خام ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. ئاشلىق، كېۋەز، ياغ، شېكەر يۇقىرى ھوسۇللۇق رايون بەرپا قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ رايونلىرىدا پۈتۈن بىر گەۋدىسى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، رايون خاراكتېرلىك، ئۆلچەملەشكەن يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەندىزە مەركەزلىك كېڭەيتىلىدۇ. يەرنى ئۆلچەپ ئوغۇت بېرىش يولغا قويۇلۇپ، چوڭ – چوڭ كېسەل، ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش بىلەن بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېڭى نۆۋەتلىك ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى ئۆلچەملىك رايونى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملىك بېقىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەيدان – فېرمىسى قۇرۇش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ. مۇكاپاتلاش تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدا سىناق نۇقتىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق جەھەتتە سۈپەتلىك نەسىل (سورت) قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زىرائەت ئۇرۇقچىلىق بازىسى ۋە يېڭى نەسىل كىرگۈزۈش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. بېلىقچىلىق كېمىسىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجراسى كېمە – پاراخوتلىرىنى ياساش ۋە پورت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىلىدۇ.
2. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي تېخنىكىلىق جابدۇقلىرى كۈچەيتىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتا ئەڭ چىڭ تۈزۈم ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز – ئېرىق قۇرۇلۇشى كۈچەپ يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ يانداشمىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغىرىش – سۇ چىقىرىش پومپىسى پونكىتىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش، ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريا ۋادىسىنى تىزگىنلەشنى تېزلىتىش، كىچىك تىپتىكى ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىقى نۇقتا قىلىنىدىغان ناھىيەلەرنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىشنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش، يامغۇر سۈيىنى يىغىپ پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، توغان ۋە قاشنى تۈزەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ۋە خەتەرنى تۈگىتىپ، توسمىلارنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىدىن ئېرىشكەن ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بويىچە ھېسابلاپ ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ ۋە ياخشى باشقۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئايلىنىش – باشقۇرۇش خىراجىتىگە مالىيەدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىش سىياسىتى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار شەرتى قۇرۇلۇشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر قاتارلىق جەھەتتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق، مال دوختۇرلۇق دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تېزلىتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى باغچە رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
3.يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمدارلىقى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئوبوروت تورىنىڭ جايلىشىشى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جاي بازىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكاز مال بازىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكاز مال تۈرى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەسىر كۈچكە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە سودىلىشىش مەركىزى يېتىشتۈرۈلىدۇ. شەھەرلەردىكى ئۆلچەملىك كۆكتات بازىرى، يېڭى مەھسۇلاتلار تاللا بازىرى، شەھەر – يېزا قوشۇمچە مەھسۇلاتلار بازىرىنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پارچە سېتىش بازىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاشلىق، ياغ ئامبار ئەشيا ئوبوروت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توڭلىتىپ ساقلاش، دەرىجىگە ئايرىپ قاچىلاش، ئېلېكتىرونلۇق راسچوت قىلىش كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، پىششىقلاش، توشۇش، سېتىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قاپلىغان توڭلىتىپ ساقلانغان ئەشيالار زەنجىرسىمان ئوبوروت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. زامانىۋى ئوبوروت ئۇسۇلى ۋە يېڭىچە ئوبوروت كەسىپلىرى كۈچەپ يېتىشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور سودىسى، زەنجىرسىمان پارچە سېتىش دۇكىنى ۋە دېھقانلار تور دۇكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ‹‹شىمالنىڭ ئاشلىقىنى جەنۇبقا يۆتكەش››، ‹‹جەنۇبنىڭ كۆكتاتلىرىنى شىمالغا يۆتكەش››، ‹‹غەربنىڭ مېۋە – چىۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش››، يېزا، كەنت بازارلىرى قۇرۇلۇشى، يېڭى يېزىلارنىڭ زامانىۋى ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ زامانىۋى ئوبوروت ئۇنىۋېرسال ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. تەمىنات – سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى، چوڭ تىپتىكى سودا گۇرۇھى، پوچتا سىستېمىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. تاۋار ماركىسى يارىتىش ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ۋە تاۋار ماركىسى مۇھاپىزىتى كۈچەيتىلىدۇ.
4.يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. باھانىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە مەدەت بېرىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىگە مۇۋاپىق پايدىنى قوشۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، كۆممىقوناق، پۇرچاق، قىچا ئۇرۇقى، كېۋەز، شېكەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش ۋە زاپاس ساقلاش يولغا قويۇلىدۇ. ئاشلىق قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاپاسلاش تۈرلىرى قۇرۇلمىسى ۋە رايونلار بويىچە جايلىشىشى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق، كېۋەز، ياغ، شېكەرنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ۋە تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش لايىھەسى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىپ، تىرىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش چارىسى چىڭىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت بېجىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىمپورت تاموژنا بېجى سوممىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۈرى بويىچە دوكلات بېرىش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، زىل تۈرلەر ئىمپورتىنى كۆزىتىش كۈچەيتىلىدۇ. ئىمپورت مەنبەسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىمپورت – ئېكسپورت تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئەتكەسچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئىستاتىستىكا – ئېلان قىلىش تۈزۈمى چىڭىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازار ئارقىلىق تەڭشەش – كونترول قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشتىكى تۈرلەر كۆپەيتىلىدۇ.
5.يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش كۈچەيتىلىپ، ئېتىز بېشىدىن تارتىپ، تاماق ئۈستىلىگىچە ئومۇمىي مۇساپىسى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىستېمىسى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا مۇھىتنى كۆزىتىش كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش چىڭىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى مەنبە قىلغان بۇلغىنىش ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئاكتىپ ئالدى ئېلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى (پونكىتى) تەسىس قىلىشقا مەدەت بېرىلىپ، كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىراجىتىگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش – قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ
يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ سېلىنما، كۆپ تەننەرخ، يۇقىرى خەۋپلىك تەرەققىيات مەزگىلىدىكى ئوبيېكتىپ تەلىپىگە ماسلىشىشتا، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش – قوغداشنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىي كۈچەيتىش كېرەك. مۇقىملاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈچەيتىش، ئۈنۈملۈك سىياسەت ئاساسىدا، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ ئورنىتىپ، ئومۇمىي مىقدارنىڭ سىجىل ئېشىشى، نىسبەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
1. يېزا ئىگىلىكى تولۇقلىمىسىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي مىقدارنى ئاشۇرۇش، زاپاس مىقدارنى ياخشىلاش، ئاشۇرما مىقداردىن ياخشى پايدىلىنىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكى ياردەم پۇلى سىياسىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ مەنپەئەت تولۇقلىمىسى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تولۇقلىمىسى، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق پايدىغا ئىگە قىلىش، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ مالىيە كۈچىنى مەملىكەت ياكى پۈتكۈل ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە تەدرىجىي يەتكۈزۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ياردەم پۇلى مەبلىغىنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىپ، يېڭى كۆپەيتىلگەن ياردەم پۇلى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سۇبيېكتىغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ بىۋاسىتە ياردەم پۇلى، سۈپەتلىك ئۇرۇق ياردەم پۇلى سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال ياردەم پۇلىنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرگە تولۇقلىما بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ياردەم پۇلى ۋە تۇپراق قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياردەم پۇلى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، زىرائەتلەردىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىدىن كەسپىيلەشكەن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى ئورتاق تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، زەھەرسىز، قالدۇقى قالمايدىغان خىمىيەۋى دورىلار ۋە كۈچى ئۇزاق ئوغۇتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ياردەم پۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يۆلەش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشقا مەدەت بېرىلىپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقى ياردەم پۇلى ۋە باجنى كەچۈرۈم قىلىش – كېمەيتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئاشلىق (ياغ) مەھسۇلاتى كۆپ ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سوممىسى كۆپەيتىلىپ، ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش مالىيە مەبلىغىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، ئاشلىق ۋە يەرلىكتىكى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ.
2.يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى يۆلەش ۋە يېتەكلىشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە سودا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقى ھەقىقىي ئاشۇرۇلۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىرېدىت سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئالدى بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرېدىت ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سۇبيېكتى كىرېدىتىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. باج پىشاڭى بىلەن پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇلۇپ، ناھىيە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز پۇلنى كۆپەيتىش مۇكاپاتى، يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ نىشانلىق خىراجەت تولۇقلىما پۇلى، دېھقانلار قەرز ئالسا باجدا ئېتىبار بېرىش، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ناھىيە (شەھەر) لەردىكى يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك فۇنكسىيەلىك ئورنى كۈچەيتىلىپ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېڭىچە يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا ئىشتىراك قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا بېرىم مۇلازىمىتى شارائىتى ياخشىلىنىپ، بېرىم – راسچوت يولى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىرىدىت ۋە سۇغۇرتا ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان رەنىگە (گۆرۈ) قويۇش كېپىللىكى شەكلى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك يېزا ئىناۋەت كېپىل سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ. ئورمان ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ئورمان ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى سىياسىتى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوندىكى رايونلار، ئاشلىق كۆپ تېرىلىدىغان ناھىيەلەرگە يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىما پۇلى بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قىسمەن سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى نىسبىتى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. زىرائەت تېرىش، بېلىقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى، يېزا ئۆي سۇغۇرتىسى ۋە نۇقتىلىق دۆلەت ئورمان رايونى ئورمان سۇغۇرتا ھەققىگە ياردەم پۇلى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. مالىيەدىن ياردەم بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى زور ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىسى ۋە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى ئارقىلىق تەرەققىيات مەبلىغى غەملىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.
3. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ساھەلەر، كەسىپلەر تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ كۆپەيتىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا ۋە ئۇنى قوللاشقا يېتەكلىنىدۇ. كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ غەملەش، پۇل ئىئانە قىلىش – ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا مەدىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلاردا داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، مەدەنىيەت – ساياھەت – تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، باجدا ئېتىبار بېرىش، باشقۇرۇش ھەققى ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ھەدىيەدىن يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى تۈرلىرىگە ئىشلىتىشكە چىقىم قىلىشتا تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. كارخانىلارنىڭ كۆپ خىل مەبلەغ سېلىش شەكلى ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى پۇختا قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يادروسى ۋە ئاساسى. دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى تولۇق قوزغىتىلىشى كېرەك.
1.يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ھازىرقى يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنىڭ كونكرېت رېئال شەكلىنى تەتقىق قىلىش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. قانۇنىي، ئىختىيارىي، ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروتىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، يەر ھۆددىگە ئېلىشنى كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يۈزلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەت راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ئېتىز – ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېھقانلارنى ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، ھۆددە يېرى بۆلەكلىنىپ تارىيىپ كېتىش، ئۇششاقلىنىپ پارچىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. يەر ئوبوروتىدا مەجبۇرىلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ، شۇنىڭدەك دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالماسلىققا، يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتمەسلىككە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سودا – سانائەت كارخانىلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ھۆددە تېرىلغۇ يېرى (ئورمانلىق، ئوتلاق) نى ئىجارىگە ئېلىشىغا ئىجازەت بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش جەھەتتە ئىزدىلىنىدۇ. يەر ئوبوروت تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت تورى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، سىياسەتتە مەسلىھەت بېرىش، توختام ئىمزالاش، باھا باھالاش قاتارلىق ئوبوروت مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە – كېسىم قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانلىرى خىزمىتى ئىشخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش زورايتىلىدۇ. يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.
2.دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تۈجۈپىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، دېھقانلار ئىلغار ئەمەلىي تېخنىكا ۋە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلىنىپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ. ياخشى سىياسەت ۋە قانۇن مۇھىتى بەرپا قىلىنىپ، تەقدىرلەش، ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئائىلىلەر بىرلىشىپ باشقۇرۇشقا، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يېڭىچە دېھقان ۋە يېزىلارغا كېرەكلىك ئىختىساسلىقلار زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ. تۈرلۈك تەربىيەلەش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەخسۇس پىلان تۈزۈلۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، يېزىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم پۇلى ۋە قەرز پۇلى بېرىلىدۇ.
3. كۆپ خىل شەكىلدىكى يېڭىچە دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتى زور كۈچ بىلەن قوللىنىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېھقانلارنىڭ بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي سۇبيېكت، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭىچە ئەمەلىي گەۋدە، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. پائال راۋاجلاندۇرۇش، تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇش، يۆلەشنى كۈچەيتىش، ساپانى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى راۋاجلاندۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە بازار رىقابەت ئىقتىدارى ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ. دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ۋە پاي ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ قۇتۇبلۇق، كۆپ خىل ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئۈلگىلىك كوپىراتىپنى تارماقلار بىرلىشىپ بېكىتىش مېخانىزمى يولغا قويۇلۇپ، ئۈلگىلىك كوپىراتىپ تىزىملىكى دەرىجە بويىچە تۈزۈلۈپ، ئۈلگىلىك كوپىراتىپ سىياسىي جەھەتتىن يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ. قىسمەن مالىيە سېلىنما تۈرلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بىۋاسىتە يۈزلەندۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى تۈرىدىن شەكىللەنگەن مەبلەغنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يېتەكلىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغى ئاشۇرۇلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، تەرەققىيات ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى رەتلەش، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. ئۈلگىلىك كوپىراتىپلارنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئامبىرى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەسى ئورنىتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى قۇرۇشىغا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئۈلگىلىك كوپىراتىپلارنىڭ ئىناۋەتنى بىرلىكتە باھالاش يولغا قويۇلۇپ، شارائىتى بار جايلارغا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىلىپ، كوپىراتىپلارنىڭ ئىناۋەت ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي پىلانىغا ۋە ئايرىم باج تاپشۇرۇش سۇبيېكتى سۈپىتىدە باج تىزىمىغا كىرگۈزۈلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تالون ئېلىش – ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىدۇ. ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولى بار ئىختىساسلىقلىرى ئامبىرى ۋە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسى، تىجارەت باشقۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىسىنى تەربىيەلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلىنىدۇ. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىشلىتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى يېرى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھە يېرى يېزا ئىگىلىك يېرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەھسۇلات ۋە كەسىپنى ۋاسىتە قىلىپ ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىشكە يېتەكلىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىنىدۇ. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش چىڭ تۇتۇپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
4. باشلامچى كارخانىلار يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ. باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، سېتىۋېلىش، پاي چېكىنى كونترول قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭ كارخانا گۇرۇھى تەشكىللىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرىكىپ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. باشلامچى كارخانىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ زىچ بىرلەشمە مەنپەئەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا سېتىۋېلىش، پاي پايدىسىنى تەقسىملەش، پايدا قايتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىنىپ، دېھقانلار پىششىقلاش – سېتىش پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىنىدۇ. شەھەرلەردىكى سودا سانائەت كاپىتالىنى يېزىلاردا كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ماس كېلىدىغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا يۈزلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى يۆلەش مەبلىغى كۆپەيتىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئەشيا بازىسى قۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قوشۇلما قىممەت بېجى، سېتىۋېلىنغان تۈر بېجى سوممىسىنى باھالاپ تۇتۇۋېلىش نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى مۇۋاپىق كۆلەمدە كېڭەيتىلىدۇ.
تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت سۇبيېكتى يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ
جۇڭگوچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشتا، مۇكەممەللەشكەن يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىشى شەرت. سۇبيېكتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئايلىنىشىنى بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تىجارەتلىك مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس تۈر مۇلازىمىتى بىلەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى ماسلاشتۇرۇشتەك يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلىشى كېرەك.
1.يېزا ئىگىلىك پاراۋانلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا، بازار ياكى رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىش، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى نازارەتچىلىكى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى بىلەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇپ، ياردەم خىراجىتى بىلەن مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ شارائىت قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ يېڭى يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزىلارغا يۈزلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قوللاپ بېرىلىدۇ. يېزا، بازار ياكى كىچىك ئېقىن سۇچىلىقى، ئاساسىي قاتلام ئورمانچىلىق جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەۋپتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. تەمىنات – سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىكى مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ مېتېئورولوگىيە ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ھاۋارايىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتى سىستېمىسى بىلەن ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ۋە يېزا مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
2.يېزا ئىگىلىك تىجارەتلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسپىي مۇلازىمەت شىركىتى، كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى، دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار ۋاسىتىچىلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى تەننەرخى تۆۋەن، قولايلىق، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى قوللاپ بېرىلىپ، تىجارەتلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمەت زاكاز قىلىش، نىشانلىق ھاۋالە قىلىش، مۇكاپاتلىق ياردەم پۇلى بېرىش ۋە خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىنىپ، تىجارەتلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى پاراۋانلىق مۇلازىمەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، كېسەل، ھاشارات زىيىنىدىن بىر تۇتاش مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئېتىزلارنى سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش، يالتىراق يوپۇق ئىشلىتىش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. پەن – تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ يېزىلاردا پەن – تېخنىكا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بوغالتىرلىق مۇپەتتىشلىكى، مۈلۈك باھالاش، سىياسەت ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇنلاشقان يېزا ئىگىلىك تىجارەتلىك مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنىڭ تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
3.مۇلازىمەت ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال سۇپىسى بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر قورۇسى، ئورۇنلار ۋە ناھىيەلەر ئورتاق قۇرۇش، يېزا پەن – تېخنىكا مۇلازىمەت تاللا بازىرى، زىرائەت دوختۇرخانىسى، كەسپىي مۇلازىمەت شىركىتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقانلار ئائىلىسى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، دېھقانلار ئائىلىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تېخنىكا بىلەن ماددىي ئامىلنى بىرلەشتۈرۈش، تېخنىكا جەھەتتىن ھۆددىگە ئېلىش، پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش مۇلازىمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىلغار ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلار دېھقانلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيە بەرپا قىلىنىدۇ. بايلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كوپىراتىپى ۋە مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹ئالتۇن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى›› نىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، دۆلەتنىڭ يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە سىناق نۇقتا ئۆلكىلىرى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يۈكسەلدۈرۈلۈپ، ئۇچۇرلارنى توپلاش، تۈجۈپىلىك مەشغۇلات قىلىش، يېزا يىراقتىن رەقەملەشتۈرۈش ۋە كۆرۈش، ھاۋارايى مۆلچەر دوكلاتى ۋە ئاپەت سىگنالى قاتارلىق تېخنىكىلار نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
بەشىنچى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، ئايلىنىشى راۋان، چىڭ قوغدىلىدىغان يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش يېزىلارنىڭ تەرەققىيات كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلەغ، مال – مۈلۈك ۋە بايلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى ۋە كوللېكتىپ كىرىمىنى تەقسىملەش ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك.
1) يېزىلارنىڭ يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى تىزىملاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەر، ئورمان يەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقدارلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يەر كۆلىمى توغرا بولماسلىق ۋە پاسىلى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىلىرى مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ. يېزا ئۆيلۈك يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بويىچە يەر تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتى تېزدىن تاماملىنىدۇ. يېزىلارنىڭ يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتى خىراجىتى يەرلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، مەركەز مالىيەسىدىن ياردەم بېرىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، يېزىلانىڭ يەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسىنى بېرىش نىسبىتى ۋە دېھقانلارنىڭ قولىغا تېگىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان رايونىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا ئىزدىنىلىنىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يايلاقنى ھۆددىگە بېرىش خىزمىتى قەدىمى تېزلىتىلىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يايلاقنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىپ كىنىشكا تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ.
2) يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىشتا، دېھقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت كىرىمىدىكى تەقسىمات نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، يەرلىرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىش تۆلىمى نىزامى تېز تۈزۈلىدۇ. يەر سېتىۋېلىش تۆلىمى چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆلەم ئۆلچىمى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، يەر سېتىۋېلىش تەرتىپى چىڭ تۇتۇلۈپ، يەر سېتىۋېلىش قىلمىشلىرى چەكلىنىپ، تۆلەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ يەر سېتىۋېلىشى تەستىقلانمايدۇ. يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا يەرلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى كۆپەيتىش – ئازايتىشنى ئۆزئارا چېتىشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلۇش يېرى ئوبوروتى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىدە بولمىغان قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىشنىڭ بازارغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
3) يېزا كوللېكتىپ ‹‹ئۈچ مەبلەغ›› ىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ كۆپ خىل ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىدۇ. مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش، مۈلۈكنى مىقدارلاشتۇرۇش، پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىپ، يېزا كوللېكتىپ ‹‹ئۈچ مەبلەغ›› ىنى باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ مالىيە خامچوت ۋە نەق چوتى، كىرىمنى باشقۇرۇش، چىقىمنى تەستىقلاش، مۈلۈكنى ھېساباتقا كىرگۈزۈش ۋە بايلىقنى تىزىملاش قاتارلىق تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىجارىگە بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى دېموكراتىك تەرتىپلەر چىڭىتىلىپ، يېزا كوللېكتىپ ‹‹ئۈچ مەبلەغ›› ىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. شەرتنى ھازىرلىغان جايلارنىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشنىڭ كونكرېت چارىسى تەتقىق قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى. يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمەت مېخانىزمى ياخشىلىنىپ، شەھەر، يېزىلاردا جامائەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەدرىجىي ئىزىغا چۈشۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ پەرقى تىرىشىپ ئازايتىلىپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.
1.يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. جامائەت مالىيەسىنىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قاپلاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سېلىنما كاپالىتى ۋە ئايلىنىشىنى باشقۇرۇش – ئاسراش مېخانىزمى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاساسەن ھەل قىلىنىدۇ. يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، يېزا ئاھالىسىنىڭ توك ئىشلىتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، مەركەز سېلىنمىسىدا يېزىلارنىڭ سۇ ئېلېكتىرىدىن توك بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزىلارنىڭ سۇ ئېلېكتىر ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق مەدەت بېرىلىدۇ. غەربىي رايون، ئالاھىدە نامرات تۇتاش رايونلاردىكى يېزا – بازارلار، ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى ئاسفالت (سېمونت)لاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا رايوندىكى ناھىيە، يېزا يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يېزا يوللىرىغا كۆۋرۈك سېلىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە كېچىكلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى يېزا – بازار يولۇچىلار توشۇش بېكىتى تور قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىق يېزا ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. يېزا پاتقاق گازى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈر قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. يېزىلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دۆلەت ئورمان رايونى (مەيدانى)دىكى كەپە ئۆيلەر رايونى، دۆلەت بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە كېمىنى ئۆي قىلىپ تۇتۇۋاتقان بېلىقچىلارنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. كەنت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىدا بىر ئىشتا بىر كېڭىشىش بويىچە مالىيەدىن مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى يېزا – كەنتلەر قەرزىنى ئېنىقلاپ تۈگىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا قۇرۇلۇشى ئىلمىي پىلانلىنىپ، پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، قۇرۇلۇش سىجىللىقى مۇۋاپىق تىزگىنلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، يېزىلارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە خاسلىقى ساقلاپ قېلىنىدۇ. مەخسۇس پىلان تۈزۈپ چىقىلىپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش قىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە مىللىي، رايون ئامىلىغا ئىگە ئەنئەنىۋى كەنتلەر ۋە ئىمارەتلەرنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. يېزا ئاھالە نۇقتىسىنى كۆچۈرۈش ۋە كەنتلەرنى قوشۇۋېتىشتە، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىنىشى، كەنت ئاھالە كومىتېتى يىغىنىدا ماقۇللىنىشى كېرەك. شەھەر – بازارلارنى پىلانلاش رايونى سىرتىدا كەنتلەرنى قوشۇۋېتىشكە ۋە دېھقانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كەڭ كۆلەملىك رايون قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ ۋە ئۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلمەيدۇ، دېھقانلارنى كۆچۈشكە ۋە ئۇلارنى بىنالاردا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. كەلكۈن ۋە گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاھالىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش سېلىنمىسى ئاشۇرۇلىدۇ.
2.يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ياتاقلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسى خىزمىتى ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار سەپلىنىپ، يېزىلاردىكى بالىلار يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلاردىكى يېزا، كەنت مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. يېزىلاردا مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا مەدەنىيەت سېلىنمىسى كاپالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. يېزىلاردىكى ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا، كەنت تېببىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، داۋالىنىش چىقىمىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسەت تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تەڭشەشنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە دائىر باشقا سۇغۇرتا تۈزۈملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەر داۋاملىق تەتقىق قىلىنىدۇ. يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا شەھەر – يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ نىسبىي بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىشى كېرەك. نەپىقە بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. يۆلەش – ئېچىش سېلىنمىسى كۆپەيتىلىپ، تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلارنىڭ رايون تەرەققىياتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەشتە ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.
يېزىلاردا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
3. يېزىلاردىن يۆتكەلگەن ئاھالىلەرنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نوپوسنى شەھەرلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇش شەھەرلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش تىزلىتىلىپ، ئوتتۇراھال – كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر – بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىشتا قويۇلىدىغان شەرتلەرنى كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ھوقۇق – مەنپەئەتنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئەمگەك ھەققى، پەزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، جامائەت ساقلىق ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، ئۆي ئىجارە ئېلىش ۋە سېتىۋېلىش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، شەھەر – بازارلاردا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دائىملىق ئولتۇرۇشلۇق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېزىلاردا قالغان بالىلىرى، خوتۇنلىرى، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئىشلەپچىقىرىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ئادىمىيلىك جەھەتتە ھەقىقىي كۆڭۇل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۈپ ھوقۇق – مەنپەئەتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
4.ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كۈچەيتىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىنىدۇ. شىمالدىكى ئۇچ ئىھاتە ئورمانلىقى، تەبئىي ئورمانلىقنى قوغداش قاتارلىق زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، قۇملىشىش، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كىتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش چىڭ تۇتۇلىدۇ. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش نەتىجىلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسى يېڭىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. قۇملاشقان تۇپراقنى قاشالاپ قوغداش رايونى سىناق نوقتا خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۇستىدە داۋاملىق ئىزدىنىلىنىدۇ. دۆلەت ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىستراتېگىيەلىك زاپاسلاش بازىسى ۋە ئورمانچىلىق رايونلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەركەز مالىيەسىدىن دۆلەت دەرىجىلىك پاراۋانلىق ئورمانلىقىغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە تۆلەم ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سېلىنمىسى كۆپەيتىلىپ، ئورمان سورتلىرى، ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان ئاسراش قاتارلىق ئورمانچىلىق قوشۇمچە ياردەم سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورمانچىلىق ئىگىلىكى پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش – مۇكاپاتلاش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ شاخلىرىدىن ئۇنىۋېرىسال پايدىلىنىش كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلاردا ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۇپراق موھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، يېزا – كەنتلەردىكى ئېرىق – ئۆستەڭ، سۇ موھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تېزلىتىلىدۇ. يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە ئىستراھەت يېزا ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئۈلگىلىك ناھىيە ۋە ئۈلگىلىك كەنت – بازار بەرپا قىلىنىدۇ.
يەتتىنچى. يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ
يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائي قۇرۇلمىسى، شەھەر – يېزا مەنپەئەت قۇرۇلمىسى، دېھقانلارنىڭ ئىدىيە ۋە قارىشىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان، قېلىپلاشقان يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى كېرەك.
1.يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلى پۇختىلىنىدۇ. يېزا پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. كەنت كادىرلىرىنىڭ ‹‹بىرنى بېكىتىش، ئۈچى بولۇش›› سىياسىتى چىڭىتىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتنىڭ خىزمەت ئايلىنىشى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا – كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىنىشى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بېقىنىش مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، فۇنكسىيەسىنىڭ تەبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان ساھالەردىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قاتارلىق كەسپىي جىنايەتلەرنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىسى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
2.يېزا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونومىيە مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ‹‹تۆتتە كېڭىشىش، ئىككىدە ئاشكارا بولۇش›› قاتارلىق خىزمەت ئۇسۇلى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ھەيئىتىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، يۈرۈشلەشكەن، ئۈنۈملۈك كەنت دەرىجىلىك دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمى تەدىرىجىي ئورنىتىلىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارا، دېموكراتىك باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ناھىيە (شەھەر)، رايوننى بىرلىك قىلىپ تۈر تىزىملىكى ۋە ۋاقىت بىر تۇتاش ئاشكارىلىنىپ، ئاشكارىلاش مەزمۇنى موللاشتۇرۇلۇپ، ئاشكارىلاش تەرتىۋى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىشتىن كېيىن ئاشكارىلاشتىن ئىشتىن بۇرۇن، ئىش جەريانىدا ئاشكارىلاشقا ئۆزگەرتىلىدۇ. يېزا – بازار ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – بازارلىق مالىيە خامچوتى، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش، چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىق ساھالەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش كۈچەيتىلىدۇ. ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە مۇرەسسە قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىق مەھەللىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزى ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
3.دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كۆپ خىل مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، دەۋا – دەستۇرىنى بىلدۈرۈش، پايدا – مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئەرز – شىكايەت خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئامما ئۆز ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە ئىدراكىي قوغداشقا يېتەكلىنىدۇ. خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، ئەدلىيە مۇرەسسەسى قاتارلىق ئۈنۈملۈك يوللار ئارقىلىق، يېزىلاردىكى تۈرلۈك زىدىيەت ۋە ماجىرالار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. سىرتقا چىقىپ كەتكەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شۇ كەنتتىكى، سىرتتىن كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى دېموكراتىك ھوقۇقى ۋە ماددىي مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىناق كان رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا – بازار ئورگانلىرى ئىسلاھات نەتىجىسى مۇستەھكەملىنىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىپ، يېزا – بازار كادىرلىرىنىڭ ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشى ۋە ئامما ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ.
4.يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي جامائەت بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. يېزىلاردا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ساقچى ئىشلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتتىكى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزىلاردا مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھە ئىمارەتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاممىۋى ۋەقە ۋە تەبئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. تېنچ يېزا قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېرېئولۇق ئىجتىمائىي ئامانلىق ساقلاش، مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەردىكى ساقچىخانىسىدا ئۇدا ئىشلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يېزا قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تىنىچ – ئىشلىرى راۋان ناھىيە – شەھەر بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا – كەنتلەردىكى رەزىل كۈچلەرگە، شەھۋانىيلىققا، قىمار ئويناشقا، زەھەر چېكىشكە ۋە باشقا ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىلىدۇ. يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ھەقىقىي كۈچەيتىلىپ، جامائەت مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. يېزىلاردا قانۇنچىلىك تەشۋىق – تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساغلام، مەدەنىي، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائىي يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىنىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بوشاشتۇرۇپ قويماي، سالمىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، كۈچنى كۈچەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سىياسىتى ۋە دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى پىششىق بىلىشنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەتىجىسىگە قاراپ باھا بىرىشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ھەقىقىي، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دېھقانلارنىڭ دەسلەپكى ئىجاد قىلىش روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، جايلارنى پائال ئىزدىنىشكە، دادىل ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتى سىناق رايونى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.
زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇنىڭدا ۋەزىپە ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31 – يانۋار تېلېگراممىسى)
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>