ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى 25 – فېۋرالدىن 8 – مارتقىچە ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىدىكەن.
دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پائالىيىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پائالىيىتىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ خېيىم – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلارغا ئاساسەن ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى چىقاردى. ‹‹نىزام›› بۇ يىل 1 – مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
ھەر يىلى 3 – ئاي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ مەركەزلىك سۇغۇرتىلاش مەزگىلى. شۇڭا، خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بىر قاتار ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. بىرىنچىدىن، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شىركەتلەر، ناھىيەلىك تارماق شىركەتلەر ۋە تىجارەت، مۇلازىمەت بۆلۈملىرى تىجارەت مەيدانلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ياكى لوزۇنكا تاختىلىرىنى ئېسىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ھەر قايسى تارماق ئاپپاراتلار باھاردا قانات يايدۇرۇلىدىغان مەركەزلەشتۈرۈپ سۇغۇرتىلاش مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ ماددىلىرى››، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتىلاش تۆلىمى كۆرسەتمىسى›› تەشۋىقات ۋەرەقى، تەشۋىقات قوللانمىسىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مىللىي يېزىقتىكى ماتېرىياللار تارقىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت زالىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نىڭ ئالاقىدار تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھەر قايسى شىركەتلەر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، يېزا ئىقتىسادى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، مال دوختۇرلۇق قاتارلىق تارماقلارغا ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى پائال تەشۋىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>