29 -ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ، مېيىپلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك .
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا مېيىپلارنى كەمسىتسە بولمايدۇ .
30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا ، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرغۇچى دېگەن باھانە بىلەن ئىشلىتىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ . لېكىن ، تىببىي باھالاشتا ، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار داۋالىنىپ ساقىيىشتىن بۇرۇن ياكى يۇقۇملۇق كېسەل گۇمانى تۈگەشتىن بۇرۇن ، قانۇن ، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنغان ، يۇقۇملۇق كېسەلنى ئاسان كېڭەيتىۋېتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ .
31-ماددا يېزىدىكى ئەمگەكچىلەر شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ، شەھەر-بازارلاردىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەمسىتىلمە چەك قويۇشقا بولمايدۇ .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>