• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى ـــ1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ (1)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    1-ماددا بۇ قانۇن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش ، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، جىسمانىي ساغلاملىق ، جامائەت ساغلاملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى .y9qئاقيول تور بىكىتى

       2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقىلىنىدۇ .y9qئاقيول تور بىكىتى

    چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشتا ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگىرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ھايۋانات – ئۆسۈملۈك كارانتىن قانۇنى » تەتبىقلىنىدۇ .y9qئاقيول تور بىكىتى

       3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات ئۆي ھايۋانلىرى ، ئۆي قۇشلىرىنى ۋە قولدا بېقىلغان ، قانۇنلۇق تۇتۇلغان باشقا ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ .y9qئاقيول تور بىكىتى

       بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ھايۋاناتنىڭ گۆشى ، تېرىسى ، يۇڭى ، تىۋىتى ، ئىچكى ئەزاسى ، يېغى ، قېنى ، ئىسپىرمىسى ، تۇخۇمى ، تۆرەلمىسى ، ئۇستىخىنى ، تۇيىقى ، بېشى ، مۈڭگۈزى ، سىڭىرى شۇنىڭدەك ھايۋانات يۇقۇمى تارقىتىش ئېھتىمالى بولغان ، سۈت ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .y9qئاقيول تور بىكىتى

       بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات يۇقۇمى ھايۋاناتتا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى ، پارازىت قۇرت كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ .y9qئاقيول تور بىكىتى

        بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش ، ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .y9qئاقيول تور بىكىتى

    شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندىy9qئاقيول تور بىكىتى

     y9qئاقيول تور بىكىتى

     y9qئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سىياسەت قانۇن نىزام