• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانىxPpئاقيول تور بىكىتى

     xPpئاقيول تور بىكىتى

    184 – نومۇرلۇقxPpئاقيول تور بىكىتى

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى›› 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 36 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.xPpئاقيول تور بىكىتى

    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىxPpئاقيول تور بىكىتى

    2013 – يىل 18 – يانۋارxPpئاقيول تور بىكىتى

        1 – ماددا بۇ چارە سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ھايۋانلىرى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جامائەت ساقلىقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <بېلىقچىلىق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.xPpئاقيول تور بىكىتى

        2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش ھەمدە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        3 – ماددا بۇ چارىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى: بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش سۇ ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇمىدىن ساقلىنىش ۋە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ھايۋانلىرى دېڭىز – ئوكيان، ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇلۇق رايونىدىن قانۇنلۇق تۇتۇلغان ياكى سۈنئىي بېقىلغان بېلىق تۈرلىرى، قاسراقلىق جانلىقلار، قۇلۇلە تۈرلىرى، يۇمشاق تەنلىكلەر قاتارلىق سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تىرىك تېنىنى كۆرسىتىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقى سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، بېقىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن تەتقىقات تەجرىبىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى، يۇمران تەنچىسى، تۆرەلمىسى ھەمدە باشقا ئېرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئانىلىقى، يۇمران تەنچىسى، تۆرەلمىسى ھەمدە باشقا ئېرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

       4 – ماددا سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلشنى ئاساس، ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ۋاكسىنا، دورا، ئەسلىھە ۋە مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلىشى لازىم.xPpئاقيول تور بىكىتى

       6 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

    چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، سەھىيە، سودا – سانائەت، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

       7 – ماددا سۇ ھايۋانلىرىدا بولىدىغان 1 – ، 2 – ، 3 – تۈردىكى يۇقۇم ئۆلچىمى دۆلەتلىك ھايۋانات يۇقۇمى كاتالوگى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

    ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، باقمىچىلىق تۈرى، باقمىچىلىق ئەندىزىسى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        8 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان باقمىچىلىق رايونلىرىغا قارىتا نۇقتىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشى، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

        9 – ماددا سۇ ھايۋانلىرىنى باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر باقمىچىلىق سۇ دائىرىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشى، سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

     xPpئاقيول تور بىكىتى

       باقمىچلىق ئارخىپىغا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى يېزىش كېرەك:xPpئاقيول تور بىكىتى

       (1) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى، سانى، مەنبەسى ۋە فېرمىغا كىرگەن، چىققان ۋاقتى؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (2) يەم، يەم خۇرۇچى قاتارلىق سېلىنغان بۇيۇملار ۋە بېلىق دورىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، نامى، ئىشلىتىلىش مىقدارى ھەمدە ساقلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللار؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (3) كۆزىتىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئەھۋالى؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (4) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى.xPpئاقيول تور بىكىتى

        10 – ماددا سۇ ھايۋانلىرىنى باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن سۇ ھايۋانلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىغانلىرى، شۇ جايدىكى ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دەرھال مەلۇم قىلىش ھەمدە ئايرىۋېتىش قاتارلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك؛ باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇ ھايۋانلىرىغا يۇقۇملۇق ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىسا، دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

       يۇقۇم مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا زۆرۈر تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا يوللىشى لازىم؛ سۇ ھايۋانلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلسە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات مۇداپىئەسى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        11 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ياكى ساھەنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە كارانتىن قىلىشى كېرەك. دۆلەت، ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى يەرلىك ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ دەرىجىلىك ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يوللاپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

         12 – ماددا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سېتىش ياكى توشۇشتا، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسى سېتىش ياكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن ئۇرۇق تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ناھىيە (شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كارانتىن قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. كارانتىندىن ئۆتۈپ، ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن جايىدىن ئايرىلسا بولىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        13 – ماددا ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كارانتىن قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە سۇ ھايۋانلىرىنى كارانتىن قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشى، تۆۋەندىكى شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا، ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (1) مەزكۇر فېرمىدا يېقىندا 12 ئاي ئىچىدە سۇ ھايۋانلىرىغا ئالاقىدار يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (2) ئۇرۇق كىلىنىكىلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (3) دۆلەت سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىغا دىياگنوز قويۇش تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى بەلگىلەنگەنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسى تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (4) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.xPpئاقيول تور بىكىتى

     xPpئاقيول تور بىكىتى

        14 – ماددا قانۇنلۇق تۇتۇلغان ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى بېقىپ كۆپەيتىش، سېتىش ياكى توتۇشتا، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسى ئاۋۋال ياۋايى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئايرىۋېتىپ، تۇتقان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ناھىيە(شەھە)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كارانتىن قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك؛ كارانتىندىن ئۆتۈپ، ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن باقمىچىلىق مەيدانىغا قويۇپ بەرسە، ساتسا ياكى توشۇسا بولىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

     xPpئاقيول تور بىكىتى

       ئايرىۋېتىش مەيدانى دۆلەت بەلگىلىمىسىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

        15 – ماددا تەبىئىي سۇ دائىرىسىگە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇپ بېرىشتە، سۇ ھايۋانلىرى ئۇرۇقىنىڭ ئەسلىي نەسلى ياكى كېيىنكى بىر ئەۋلادلىرىدىن باشقىلىرىدا، قويۇپ بېرىدىغان ئورۇن ياكى شەخس چوقۇم مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئاپپاراتقا ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى باھالاشنى ھاۋالە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكنى باھالاش دوكلاتىنى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى لازىم؛ ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزمىسە، قويۇپ بەرسە بولىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

       تەبىئىي سۇ دائىرىسىگە سىرتتىن كىرگەن تۈر، گېنى يۆتكەلگەن تۈر، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە شالغۇت تۈرلەرنى ھەمدە ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان باشقا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        16 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىن سىرت جايلاردىن سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كىرگۈزۈشتە، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسىدا چوقۇم ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. بارار جايىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا 24 سائەت ئىچىدە مەلۇم قىلىشى ھەمدە بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

        17 – ماددا كارانتىن خادىملىرى كارانتىن قىلغاندا، كارانتىن خىزمەت خاتىرىسىنى تولدۇرۇشى، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كارانتىن قىلىشقا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتى، كارانتىن قىلغان ۋاقىت، كارانتىن قىلغان ئورۇن، كارانتىن قىلىنغان ھايۋانات تۈرى، سانى ھەمدە ئىشلىتىلىش ئورنى، كارانتىن نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، كارانتىن ئىسپاتىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلارنى تەپسلىي خاتىرىلىشى ھەمدە مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۇشى كېرەك. كارانتىن خىزمەت خاتىرىسى 24 ئايدىن يۇقىرى ۋاقىت ساقلىنىشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

        18 – ماددا ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كارانتىندا لاياقەتسىز بولغان سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىغا قارىتا، كارانتىن بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر قوللانغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش دېزىنفېكسىيەسى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

        19 – ماددا سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ چارە ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزام بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىرىنى تولۇقلاپ كارانتىن قىلىشى كېرەك:xPpئاقيول تور بىكىتى

       (1) ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى بولمىسا؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (2) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ماس كەلمىسە؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (3) ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ئىناۋەتلىك مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (4) ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ئۆزگەرتكەن، يالغاندىن ياسىغان بولسا.xPpئاقيول تور بىكىتى

       تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش مەزگىلىدە، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سېتىشقا، توشۇشقا بولمايدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        20 – ماددا ناھىيە(شەھەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قانۇن بويىچە كارانتىن قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كارانتىن ھەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        21 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەكشۈرۈشى لازىم:xPpئاقيول تور بىكىتى

       (1) باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ سۇ دائىرىسى ۋە ساھىلىنىڭ باقمىچىلىق كىنىشكىسى، سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئارخىپى؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (2) ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇم مۇداپىئەسى تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ – يوق؟xPpئاقيول تور بىكىتى

       (3) يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇق سورتلىرىنى سىرتتىن كەلتۈرگەندە مەنبە رايونىدىن بېرىلگەن ھايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (4) فېرمىغا ئەكىرگەن – ئېلىپ چىققان ئەھۋال، يەم – خەشەك، ئىشلەتكەن سۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش، دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىلگەن دورا، يۇقۇم ئەھۋالى، ۋاكسىنا ۋە تازىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (5) تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار.xPpئاقيول تور بىكىتى

        22 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:xPpئاقيول تور بىكىتى

       (1) سۇ ھايۋانلىرى، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (2) سۇ ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ئىسپات، خاتىرە، توشۇش تالونى، توختام، ھېسابات دەپتىرى، تالون ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، سۈرەتكە ئېلىش، تاللىۋېلىش؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (3) سۇ ھايۋانلىرى، سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (4) يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن سۇ ھايۋانلىرىنى قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىش، پېچەتلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛xPpئاقيول تور بىكىتى

       (5) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.xPpئاقيول تور بىكىتى

        23 – ماددا ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئۇنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

       24 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىسە شەخسكە قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

        25 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ناھىيە(شەھەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە شۇ ئۇرۇقنىڭ مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىراق جەرىمانە سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.xPpئاقيول تور بىكىتى

        26 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن – نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.xPpئاقيول تور بىكىتى

    شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندىxPpئاقيول تور بىكىتى

     xPpئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سىياسەت قانۇن نىزام