• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندىCLaئاقيول تور بىكىتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانىCLaئاقيول تور بىكىتى

    (14 – نومۇرلۇق)CLaئاقيول تور بىكىتى

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى›› 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.CLaئاقيول تور بىكىتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋCLaئاقيول تور بىكىتى

    2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنىCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    مۇندەرىجەCLaئاقيول تور بىكىتى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپCLaئاقيول تور بىكىتى

    2 – باب مۇرەسسە قىلىشCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    3 – باب كېسىم قىلىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    1 – پاراگراف كېسىم كومىتېتى ۋە كېسىمچىلەرCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    2 – پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    3 – پاراگراف كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىCLaئاقيول تور بىكىتى

    4 – پاراگراف كېڭەش ئېچىش ۋە قارار چىقىرىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپCLaئاقيول تور بىكىتى

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپCLaئاقيول تور بىكىتى

    1 – ماددا بۇ قانۇن يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.CLaئاقيول تور بىكىتى

    2 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (1) يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاياغلاشتۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالار:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (2) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈش، پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق ئوبوروت ئىشلىرىدا تۇغۇلغان ماجىرالار؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (3) ھۆددە يەرنى يىغىۋېلىش، تەڭشەشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (4) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (5) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن تۇغۇلغان ماجىرالار؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (6) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا ماجىرالاردىن قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەنلىرى.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىشتە تۇغۇلغان ماجىرالار يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ياكى دەۋالىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىنسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    3 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالاردا ئالاقىدارلار ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسىمۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلاردىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    4 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېلىشىۋالالمىغانلىرى، مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقىرالمىغانلىرى ياكى كېلىشىۋېلىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىغانلىرى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    5 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا ئاشكارا، لىللا، ئادىل، ئاھالىگە قۇلايلىق، ئۈنۈملۈك ئىش قىلىش، پاكىتقا ئاساسلىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلىشىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە قوللىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    2 – باب مۇرەسسە قىلىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    7 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدارلارنىڭ ماجىرالارنى كېلىشىم ھاسىل قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    8 – ماددا ئالاقىدارلاردىن يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى ئىلتىماس قىلغاندا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ماجىرانى، ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى شۇ مەيداندا خاتىرىلەپ قويىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    9 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدارلارنىڭ بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسىغا تولۇق قۇلاق سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    10 – ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلىشى كېرەك. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ، تامغىسى ياكى بارمىقىنى بېسىپ، مۇرەسسە خادىملىرى ئىمزا قويغان ھەمدە مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    11 – ماددا كېسىم كېڭىشى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، مۇرەسسە كېڭىشى مۇرەسسەنامە تەييارلىشى كېرەك؛ مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىغاندا، ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    مۇرەسسەنامىگە كېسىم تەلىپىنى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسىنى يېزىش كېرەك. مۇرەسسەنامە كېسىمچىلەرنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    مۇرەسسەنامە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تاپشۇرۇۋېلىپ ئىمزا قويغان ھامان قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. مۇرەسسەنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىمزا قويغۇچە ئالاقىدارلار يېنىۋالسا، كېسىم كېڭىشى ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    3 – باب كېسىم قىلىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    1 – پاراگراف كېسىم كومىتېتى ۋە كېسىمچىلەرCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    12 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرۇلىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كومىتېتى ناھىيىلەردە ۋە رايونسىز شەھەرلەردە قۇرۇلسىمۇ، رايون بار شەھەرلەردە ياكى شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردا قۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى شۇ جايدىكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارماق ئىشلەيدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    13 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىرى كېسىم كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، دېھقانلار ۋەكىلىنىڭ ۋە قانۇن ساھەسى، ئىقتىسادىي ساھە قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقانلار ۋەكىلى ۋە قانۇن، ئىقتىساد ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا بىر مۇدىر، بىردىدىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە بىر نەچچە ئەزا قويۇلىدۇ. مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقان سايلامدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    14 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (1) كېسىمچىلەرنى تەكلىپ قىلىش، قالدۇرۇۋېتىش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    (2) كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (3) كېسىم پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى نىزامنامىسىنى مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن چىقىرىشى، تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئۇسۇلى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، ئىش قائىدىسى قاتارلىقلارنى بەلگىلىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    15 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىمچىلىككە ئادىل، دۇرۇس كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېسىمچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (1) يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (2) قانۇن خىزمىتى ياكى خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (3) شۇ جايدا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئاھالە ھەمدە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە دائىر قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى پىششىق بىلىدىغان ئاھالە بولۇش.CLaئاقيول تور بىكىتى

    16 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىمچىلەرنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە دائىر قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى جەھەتتە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى كېسىمچىلەرنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    17 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكىلەر، كېسىمچىلەر مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىگە ۋە كېسىم قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، پارا تەلەپ قىلىشقا، پارا ئېلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېسىمچىلەردىن پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، قانۇننى بۇزۇپ قارار چىقىرىش ۋە ئالاقىدارلارنىڭ زىياپىتىنى يېيىش، سوۋغىتىنى ئېلىش قاتارلىق قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، كېسىمچىلەرنىڭ قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز–شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    2 – پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    18 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ ئالاقىدارلار ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    19 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىراسى كېسىمىدە ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئالاقىدارلار ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە بويىچە ھۆددە ئالغانلىرىدا، كېسىم قىلىشقا دېھقانلار ئائىلىسىنىڭ ۋەكىلى قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولغانلىرىدا، كېسىم قىلىشقا قاتنىشىدىغان ۋەكىل كۆرسىتىلسە بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار كېسىم قىلىشقا 3 – كىشى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى كېسىم قىلىشقا قاتنىشىشنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئالاقىدارلار ۋە 3 – كىشى كېسىم قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    20 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا كېسىم قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماس تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماجىرا بىلەن بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئېنىق بولۇش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    (3) كونكرېت كېسىم تەلىپى ۋە پاكىتى، ئاساسى بولۇش؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (4) يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بولۇش.CLaئاقيول تور بىكىتى

    21 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ماجىرا پەيدا قىلغان يەر بار جايدىكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم ئىلتىماسىنى سۇنۇشى كېرەك. كېسىم ئىلتىماسى پوچتىغا سېلىنسا ياكى باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ. كېسىم ئىلتىماسىغا كېسىم قىلغۇچى بىلەن كېسىم قىلىنغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلىنىدىغان پاكىتى ئاساسى يېزىلىشى ھەمدە شۇنىڭغا ئائىت دەلىل – ئىسپاتلار بېرىلىشى ۋە دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. يازما ئىلتىماس قىلىشتا قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلغاندا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى خاتىرىلەپ قويسا، ئىلتىماس قىلغۇچى خاتىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويسا، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىپ بەرسە بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    22 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ قوبۇل قىلىپ بولغانلىرىدا كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (1) ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (2) خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ ماجىرانى قوبۇل قىلغان بولسا؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (3) قانۇندا شۇ ماجىرانى باشقا ئاپپاراتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (4) شۇ ماجىرادا كۈچكە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم، كېسىم قارارى، مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى قاتارلىقلار چىقىرىلىپ بولغان بولسا.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنىCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    2009– يىل12– ئاينىڭ3– كۈنى11:35شىنجاڭ گېزىتىCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    23 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندا، كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەر ئىسىملىكىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ قوبۇل قىلماسلىقنى ياكى كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ياكى كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان ئەھۋالنى سەزگەن كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    24 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    25 – ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا جاۋابنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما جاۋاب بېرىشتە قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى جاۋاب بەرگەندە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى خاتىرىلەپ قويسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچى خاتىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويسا، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىپ بەرسە بولىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە جاۋابنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلىنغۇچى جاۋاب بەرمىسە، كېسىم تەرتىپى ئۇنىڭغا قارىماي داۋاملاشتۇرۇلۇۋېرىلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    26 – ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبى بىلەن ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن، قارارنى ئىجرا قىلالماسلىق ياكى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش ئېھتىمالى كۆرۈلگەندە، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئالاقىدارلار مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىكى ياكى مال–مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    خاتا ئىلتىماس قىلىپ قويغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكى ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيىنىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    3 – پاراگراف كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىCLaئاقيول تور بىكىتى

    27 – ماددا كېسىم كېڭىشى ئۈچ نەپەر كېسىمچىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، باش كېسىمچىنى ئالاقىدارلار بىرلىكتە تاللايدۇ، باشقا ئىككى كېسىمچىنى ئالاقىدارلار ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ؛ ئالاقىدارلار تاللىيالمىسا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدىن پاكىتى ئېنىق، ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ بولغان، تالاش – تارتىش ئېغىر بولمىغانلىرىنى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بىر كېسىمچى كېسىم قىلسا بولىدۇ. كېسىمچىنى ئالاقىدارلار بىرلىكتە تاللايدۇ ياكى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم كېڭىشى ئۇيۇشتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئىش كۈنىدە كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    28 – ماددا كېسىمچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى شەرت، ئالاقىدارلارمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق:CLaئاقيول تور بىكىتى

    (1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بولسا ياكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولسا؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (2) شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    (3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل كېسىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛CLaئاقيول تور بىكىتى

    (4) ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئاستىرتىن كۆرۈشكەن ياكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ زىياپىتىنى يېگەن، سوۋغىتىنى ئالغان بولسا.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئالاقىدارلاردىن چەتلىتىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ، تۇنجى قېتىملىق كېڭەشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. چەتلىتىش سەۋەبىنى تۇنجى قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن بىلگەنلەر ئاخىرقى بىر قېتىملىق كېڭەش ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    29 – ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى چەتلىتىش ئىلتىماسى ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىپ، ئالاقىدارلارغا ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېسىمچىلەرنىڭ چەتلەپ تۇرۇش – تۇرماسلىقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قارار قىلىدۇ؛ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كېسىمچى بولغاندا ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇش – تۇرماسلىقىنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كوللېكتىپ قارار قىلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېسىمچىلەر چەتلەپ تۇرۇش سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، كېسىمچىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تاللاش ياكى بېكىتىپ بېرىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    4 – پاراگراف كېڭەش ئېچىش ۋە قارار چىقىرىشCLaئاقيول تور بىكىتى

    30 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشتا كېڭەش ئېچىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېڭەش ماجىرا پەيدا قىلغان يەر بار جايدىكى يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە ئېچىلسىمۇ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى بار جايدا ئېچىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە كېڭەش ئېچىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە كېڭەش ئېچىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېڭەشنى ئوچۇق ئېچىش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغانلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدارلار ئوچۇق ئاچماسلىقنى پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    31 – ماددا كېسىم كېڭىشى كېڭەش ئاچىدىغان ۋاقىت، ئورۇننى كېڭەش ئېچىشتىن بەش ئىش كۈنى بۇرۇن ئالاقىدارلارغا ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئالاقىدارلاردىن يوللۇق ئاساسى بولغانلىرى كېڭەش ئېچىش ۋاقتى، ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى كېسىم كېڭىشىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆزگەرتىش – ئۆزگەرتمەسلىكنى كېسىم كېڭىشى قارار قىلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    32 – ماددا ئالاقىدارلار كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسا بولىدۇ. كېلىشىۋېلىپ كېسىم ھاسىل قىلغانلىرى كېلىشىۋېلىپ ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە ئاساسەن قارار چىقىرىپ بېرىشنى كېسىم كېڭىشىدىن تەلەپ قىلسىمۇ، كېسىم ئېچىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    33 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم تەلىپىدىن ۋاز كەچسە ياكى بۇ تەلىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئىلتىماسقىلىنغۇچىلار كېسىم تەلىپىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى رەت قىلسا بولىدۇ، قارشى تەلىپىنى قويۇشقا ھوقۇقلۇق.CLaئاقيول تور بىكىتى

    34 – ماددا كېسىم كېڭىشى قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچى قارشى تەلەپ قويغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېسىم كېڭىشى كېسىم قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    35 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ، يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كېڭەشكە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئىلتىماس قىلىنغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كېڭەشكە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى ئۈستىدە سىرتتىن قارار چىقىرىلسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    36 – ماددا ئالاقىدارلار كېڭەش ئېچىلغاندا پىكرىنى، پاكىت ۋە ئاساسىنى بايان قىلىشقا، دەلىل – ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىشكە، يۈزلەشتۈرۈشكە ۋە مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق. شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان تىل – يېزىقنى پىششىق بىلمەيدىغان ئالاقىدارلارغا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    37 – ماددا ئالاقىدارلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار ئالاقىدار بىر تەرەپ ھېسابلىنىدىغان ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قولىدا، باشقۇرۇشىدا بولسا، شۇ ئالاقىدار تەرەپ ئۇنى كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن مۆھلەتتە بېرىشى، مۆھلەت ئۆتكىچە بەرمىگەنلىرى پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    38 – ماددا كېسىم كېڭىشى توپلاشنى زۆرۈر تاپقان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئۆزى توپلىسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    39 – ماددا كېسىم كېڭىشى باھالىتىشنى، زۆرۈر تاپقان مەخسۇس ئىشلارنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باھالىغۇچى ئاپپاراتنىڭ باھالاپ بېرىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولسا، كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن باھالىغۇچى ئاپپارات باھالاپ بېرىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    باھالىغۇچى ئاپپارات ئالاقىدارلارنىڭ ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باھالىغۇچىنى كېڭەشكە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باھالىغۇچىغا سوئال قويسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    40 – ماددا كېڭەش ئاچقاندا دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتىش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئوچۇق كېڭەش ئاچقاندا كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېسىم كېڭىشى كېڭەشنى كېسىم قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېچىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە باراۋەر پىكىر بايان قىلىش، مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتى بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرىنى يۈزلەشتۈرۈشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    كېسىم كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىدە راست بولۇپ چىققان دەلىل – ئىسپاتلارنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    41 – ماددا دەلىل – ئىسپاتلار يوقىلىپ كېتىش ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋالدا، ئالاقىدارلار دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىنى دەلىل – ئىسپات بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    42 – ماددا ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ ماجىرالاردا، ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، كېسىم كېڭىشى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە توپا ئېلىش، يەر ئىگىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىش ھەققىدە ئالدىن كېسىم چىقارسا بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالدىن چىقىرىلغان كېسىمنى ئادا قىلمىغاندا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئىلتىماسىغا تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    43 – ماددا كېسىم كېڭىشى كېڭەش ئېچىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى، ئۇنىڭغا كېسىمچىلەر، خاتىرىلىگۈچىلەر، ئالاقىدارلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرى ئىمزا قويۇشى، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    ئالاقىدارلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ بايانىنىڭ خاتىرىلەنمەي قالغان ياكى خاتا خاتىرىلىنىپ قالغان يەرلىرى بار دەپ قارىغانلىرى تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويمىغاندا، شۇ ئىلتىماسنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    44 – ماددا كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن پاكىتىغا ۋە قانۇنغا شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئاساسەن قارار چىقىرىشى ھەمدە قارارنامە تەييارلىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    قارارنى كۆپ ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك، ئاز ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرى خاتىرىلەپ قويۇلسا بولىدۇ. كېسىم كېڭىشىدە كۆپ سانلىق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەندە، قارارنى باش كېسىمچىنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    45 – ماددا قارارنامىگە كېسىم تەلىپى، تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان پاكىت، قارار چىقىرىش ئاساسى، نەتىجىسى، قارار چىقارغان ۋاقىتنى شۇنىڭدەك ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرىنىڭ دەۋالىشىش ھوقۇقى ۋە مۆھلىتىنى يېزىش، كېسىمچىلەر ئىمزا قويۇش، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىش كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئىش كۈنىدە قارارنامىنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرىغا دەۋالىشىش ھوقۇقى ۋە مۆھلىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    46 – ماددا كېسىم كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئادا قىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    47 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش ئىشىنى كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ، مۆھلەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى مۇدىرىنىڭ تەستىقى بىلەن مۆھلەت ئۇزارتىلسا ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆھلەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    48 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. مۆھلەت ئۆتكىچە دەۋا قىلمىسا، قارارنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    49 – ماددا ئالاقىدارلار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان مۇرەسسەنامە ۋە قارارنامىلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار بىر تەرەپ مۆھلەت ئۆتكىچە ئادا قىلمىغاندا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى مال – مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.CLaئاقيول تور بىكىتى

    4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپCLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    50 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزىلاردىكى يەر دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاقنى شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    51 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش قائىدىسى ۋە يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ ئۈلگە قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلىكتە چىقىرىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    52 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشتا ئالاقىدارلاردىن ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، كېسىم خىراجىتى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

    53 – ماددا بۇ قانۇن 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.CLaئاقيول تور بىكىتى

     CLaئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سىياسەت قانۇن نىزام