• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يېزىلاردا كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرگە جامائەت ئىجارە ئۆيى سېلىش چەكلىنىدۇ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2011 – يىللىق مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئۆي سېلىشقا پىلانلانغان يەر كۆلىمى 218 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا تەمىنلەنگەن ئەمەلىي يەر كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر. بۇنىڭ %.6 78ىنى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش پىلانلانغان.7Qmئاقيول تور بىكىتى

        زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››تا، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە جامائەت ئىجارە ئۆيى سېلىشنى قاتتىق چەكلەپ، ‹‹كىچىك مۈلۈك ھوقۇقى ئۆيى›› سېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلەرنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تەرتىپىنى قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.7Qmئاقيول تور بىكىتى

        ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەرنى ياخشى قوغداپ، ۋاقتىدا تەمىنلەش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇكەممەل كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ‹‹يېشىل كارىدورى››نى قۇرۇشى كېرەك.7Qmئاقيول تور بىكىتى

        شۇنىڭ بىلەن بىللە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، چەكلىك يەر بايلىقى بىلەن تۇرالغۇ ئۆي تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشلۈك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى كۆلىمىنى 60 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، 40 كىۋادرات مېتىرنى ئاساس قىلىش كېرەك.7Qmئاقيول تور بىكىتى

        ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سېلىنىپ ۋە سېتىلىپ بولغان ‹‹كىچىك مۈلۈك ھوقۇقى ئۆيى›› گە ئىشلىتىلگەن يەرلەرنى رويخەتكە ئالماسلىق، ھەرقانداق ئۇسۇلدا يەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بەرمەسلىك كېرەك. يېزىلاردا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرگە قانۇنسىز ‹‹كىچىك مۈلۈك ھوقۇقى ئۆيى›› سالغانلىقى ئېنىقلانغان ھامان، ئۆي قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ، قانۇن – تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.7Qmئاقيول تور بىكىتى

        كارخانىلارنىڭ ئۆز يېرىگە كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىش قىلمىشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەردىن يىراق ئولتۇرىدىغان، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئىشچىلىرى كۆپ مۇستەقىل كان – كارخانىلار خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شەھەر پىلانلاشقا ماس كېلىش پىرىنسىپىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئۆز يېرىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قىلغان بولسا، زېمىن بايلىقى تارماقلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇش شەھەر، ناھىيەلەردىكى تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.7Qmئاقيول تور بىكىتى

    شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى7Qmئاقيول تور بىكىتى

     7Qmئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى سىياسەت قانۇن نىزام