ئۇسسۇلچىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. مەدەنىيەت ساپاسى بولغان ئۇسسۇلچى بولۇش ئۈچۈن: بىرىنچى، ئۇسسۇلچىدا توغرا بولغان دۇنيا قاراش بولۇش بىلەن بىللە، ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسى، سەنئەتتارىخى، ئەخلاق، سىياسەت، تارىخ – جۇغراپىيە، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى، تىل ئۆگىنىش روھى بولۇش كېرەك.
ئىككىنچى، ئۇسسۇلچىدا خەلققە سادىق، مېھرىبان، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت سەنئىتىنى چۈشىنىدىغان ۋە شۇ مەدەنىيەت – سەنئەت مىراسلىرىنى قوغدايدىغان روھ بولۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئۇسسۇلچىدا كەمتەر، ئېھتىياتچان خاراكتېر بولغاندىن باشقا، ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق، باشقىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغان مىجەز بولۇش كېرەك.
تۆتىنچى، ئۇسسۇلچىدا مىللىي ئۇسسۇل، كىلاسسىك ئۇسسۇل، ئەل ئىچى مەشرەپ ئۇسسۇللىرىنى سۆيىدىغان ۋە ئىزدىنىدىغان، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش روھىبولۇش كېرەك.
بەشىنچى، ئۇسسۇلچىدا تۇرمۇش مەدەنىيىتى بولۇشى، نوقۇل مودا قوغلاشماسلىق ئىستىكى بولۇش كېرەك.
ئۇسسۇل مائارىپىنىڭ كىشىلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئورنى مۇھىم بولۇپ، مېنىڭچە، ئۇسسۇل مائارىپىدا ئۇسسۇل سەنئىتى كەسپىي مائارىپىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇنتىزم بولغان كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى بولۇشى شۇنداقلا دەرسلىكنى يەنىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش بىلەن بىللە، بالېت، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى، كۆپ مىللەت ئۇسسۇلى، چەت ئەلنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇسسۇلى، ئۇسسۇل نەزەرىيەسى، ئۇسسۇل تارىخى، ئېستېتىكا، ئۇسسۇل ئاناتومىيەسى قاتارلىق ئۇسسۇل دەرسلىكلىرىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇسسۇل ئوقۇتۇشىنىڭ مەزمۇنلىرىنى خىللاشتۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇسسۇل مائارىپىدا مىللىي ئۇسسۇل ۋە كىلاسسىك ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىنى تولۇقلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بولۇشى، كۆپ ئوقۇپ، كۆپ كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلماسلىق كۆزقارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.
ئۇسسۇل مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەلىم – تەربىيەسىگە سەل قارىماي، ئوقۇغۇچىلارنى پەن – مەدەنىيەت دەرسلىرىنى قىزىقىپ ئۆگىنىدىغان، ئەخلاق – نىزام كۆزقارىشىنى چىڭ تۇتۇپ ھەرقايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ئۇسسۇل مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىممەتلىك مىراسلارنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىدىيەسىنىتۇرغۇزۇش كېرەك.
ئۇسسۇل مائارىپىدا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇسسۇلنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
ئۇسسۇل مائارىپىدا ئۇسسۇلچىنىڭ جەمئىيەتكە بولغان مەنىۋى – مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەۋى تەشۋىقاتچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بولۇشى، ئۇلارنى يېتەكلەپ ئۇسسۇل مائارىپىدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش كېرەك.