شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى <<شادلىق مىنۇتلىرى>>پروگراممىسى ئاقيول ئىكرانىدا
ئاڭلىغۇچىلارغا مول كۈلكە بەخش ئېتىدىغان بۇ نەق مەيدان ئالاھىدە پىروگراممىسىغا ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە يۈز ئىخلاسمەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بىللە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم خەير – ساخاۋەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغانىدى. مۇشۇ سورۇندا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسسىنىڭ تونۇلغان ياش پىروگرامما رىياسەتچىلىرى مەۋلۇت ئىبراھىم بىلەن زۆھرە كېرەم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ شان – شۆھرىتىنى ئاشۇ نەق مەيداندىكى بىر قانچە يۈز مېھمانغا، شۇنداقلا رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق مىليۇنلىغان ئاڭلىغۇچىلارغا يەتكۈزدى. سورۇندا سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىش بىلەن بىللە، دىلشات سۇلتان، ئابدۇۋەلى ھىمىت قاتارلىق پىدائىيلار ۋەكىللىرىنىڭ ئاغزىدىن پىدائىي دېگەن ئۇقۇم، دۇنيادىكى پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنىڭ ئەھۋالى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار چۈشىنىشلىك، راۋان بايان قىلىپ بېرىلدى. ئاندىن بارىجان زەپەرنىڭ «پىدائىي» ناملىق شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلىنىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى... مول مەزمۇنغا، جانلىق رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبىغا ئىگە بۇ پىروگراممىدا ھەر بىر ئاڭلىغۇچىغا يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كەڭ دائىرىدا تونۇشتۇرۇلدى.
بۇ قېتىمقى «شادلىق مىنۇتلىرى»پىروگراممىسى يېزا مەكتەپ پىدائىيلرى ئۈچۈن قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بەكمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى. چۈنكى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى پىدائىيلىق سېپىگە جەلپ قىلىش بىلەن بىللە، پىروگراممىدىكى قىزىقارلىق نومۇرلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرگە شادلىق بېغىشلاپ، ئۇلارنى كۈلدۈردى.
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان ، ‹‹ مېھرىبان ئانىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى رەيھان قاسىم ، ‹‹ ساخاۋەتچى ئاتىلار ›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا قاتارلىقلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىرگە
بۇ قېتىمقى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ «شادلىق مىنۇتلىرى» نەق مەيدان ئالاھىدە پىروگراممىسىنى روياپقا چىقىرىپ، مىليۇنلىغان قەلبلەرگە ھۇزۇر ئاتا قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا كىشلەر قەلبىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان، چېھرىگە كۈلكە ئاتا قىلىدىغان«خىسلەتلىك» كىشىلەر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ يەردە بىز ئاشۇ كىشىلەر چېھرىگە كۈلكە ئاتا قىلىدىغان «خىسلەتلىك كىشىلەر» نىڭ باشلامچىسىنىڭ يالقۇن ئوسمان ئىسىملىك بىر نەۋقىران كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتماي تۇرالمايمىز. يالقۇن ئوسمان يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، پائالىيەت باشلامچىسى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ھەر بىر پائالىيىتى يالقۇن ئوسماندىن ئايرىلالمايدۇ. يالقۇن ئوسماننىڭ شەخسىيەتسىز، پاك، تەمەسىز، ئاق كۆڭۈل ۋۇجۇدى بولغاچقىلا، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى شۇنچىۋالا ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، چەت – يىراق يېزا مەكتەپلىرىدىكى سەبىي بالىلارغا، جاپاكەش خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىغا، شۇنداقلا بىر قىسىم نامرات دېھقانلارغا كۆيۈنۈش __ مېھىر – مۇھەببەتتىن كۈلكە ئاتا قلىپ كەلدى.
ياش ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت سەھنىدە
ئىشىنىمىزكى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى يالقۇن ئوسماننىڭ يېتەكچىلىكىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن يىراق سەھرا – قىرلارغا توختاۋسىز سەپەر قىلىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە كۈلكە ئاتا قىلالايدۇ! ھەممە يەردە « شادلىق مىنۇتلىرى» نى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ.
دىلشات سۇلتان
يالقۇن ئوسمان VSVيېزا مەكتەپلىرى پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى، پىلانلىغۇچىسى ۋە قۇرغۇچىسى. ئۇ 2007- يىلى 11- ئايدا دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيىسى چاغانتۇن كەنتىگە ياردەمگە ئېرىشكەن مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېرىپ، ھازىر ئۆزى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مۇشۇ پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش سەپىرىنى باشلىغان.
يالقۇن ئوسمان 1964- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1984- يىلى 7- ئايدا شاڭخەي تاموژنا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. 1984- يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، تا ھازىرغىچە شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1- دەرىجىلىك تەپتىش، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
يالقۇن ئوسمان 2008 - يىلى 8- ئايدا يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتىنى قۇرغان. ئۇ دەسلەپتە پىدائىيلارنى ئۆز تونۇشلىرى ئىچىدىن تاپقان، ياردەم بېرىدىغان مەبلەغنىمۇ شۇ دائىرىدىن ھەل قىلغان. 2008 - يىلى 8- ئايدا ۋە 2009- يىلى 8- ئايدا ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، پىلانلىشى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ،ئىنگىلىزچە تور بېكىتى ئېچىلىپ، ئىشقا چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمىتىدىكى ئىدىيە، كۆز قاراشلىرى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ئەترىتىگە قاتناشقان، نۇرغۇنلىغان مېھىر – شەپقەتلىك كارخانا، كەسىپى ئورۇنلار ۋە زاتلارنىڭ مەردلىك، سېخىيلىك قىلىشى بىلەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالغان.
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى دەسلەپكى بىر ئادەمدىن كۆپىيىپ، 100 نەچچە ئەزاسى بار بىر ئەترەتكە ئايلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا يۈزدەك ئادەم بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
يالقۇن ئوسمان يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان يېزا مەكتەپلىرىگە ياردەم بەرگۈچى پىدائىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق پائالىيەتتىن قالغىنى يوق، ئۇ ھەر دائىم بۇ ئىشلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. مەيلى يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشى بولسۇن، مەيلى ياردەم بەرگۈچى كارخانىلارنى ئالاقىلىشىش ئىشى بولسۇن، مەيلى تەكشۈرۈش ئىشى، ياردەم بېرىلىدىغان مەكتەپلەرنى تاللاش ئىشى بولسۇن، ھەر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ كونكېرىت ھەربىر ھالقىلىرىغىچە ئۇنىڭ ئەمگەك تەرى سەرپ قىلىنمىغىنى يوق.
ئۇنىڭ ئەترىتى يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىگە قەدەم باستى. ئۇلار بىر مىليون 400مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ توپلاپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 36 يېزا مەكتىپىگە 400 دانە كومپىيۇتېر، 140 دانە كومپىيۇتېر ئۈستىلى بەردى، بۇ 5000 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 4 كەنتنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىگە 4 دانە تېلېۋىزور، 22 دانە كومپىيۇتېر، 4 دانە DVD ئاپپاراتى ئېلىپ بەردى. يەنە ھەرخىل شەكىللەر بىلەن 132 نەپەر يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ كۇرسلاردا تەربىيلىدى.
يالقۇن ئوسمان يەنە كونا كومپىيۇتېردىن قايتا پايدىلىنىشتەك مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ يەنە يېزا مەكتەپلىرىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئىشىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى ئادەم. ئۇ يەنە بېيجىڭدىكى ساخاۋەتچى جۇشۇەن خانىمنىڭ چاغانتۇن كەنتىدىكى مەكتەپنىڭ ئۆيلىرىنى رىمۇنت قىلىپ بېرىش ئىشى ۋە قۇدۇق قېزىش ئىشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى بىلەن خېجىڭ چاغانتۇن كەنتى ئارىسىدا دائىم بېرىپ كېلىپ يۈردى، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھىر – شەپقەتلىك ئەمەلىيىتى بىلەن جۇشۇەن خانىمغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى ھەم جۇشۇەن خانىم قاتارلىق ھەر مىللەت كارخانچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇ ئەترەتنىڭ مېھىر – شەپقىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك يېزا مەكتەپلىرىگە يېتىشى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ئۈچۈن، يالقۇن ئوسمان كۈچىنىڭ بېرىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئالاقە ئورناتتى، ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقى بىلەن، 2009-يىلى 5- ئايدا يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتى شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ بىۋاسىتە باش ئەترىتى بولدى.
2009- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن«ئون، يۈز، مىڭلىق» مۇنەۋۋەر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى، شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىتى 3- نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر يىغىنىدا يالقۇن ئوسمان ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.
ئۇ 2010-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتىتى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى،سەھەر گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «شىنجاڭ بويىچە 10چوڭ مىھىر-شەپقەتلىك ساخاۋەتچىنىڭ بىرى»، «جۇڭگو 8-نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ياش پىدائىي» دىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.ئۇ باشلامچىلىق قىلغان پىدائىيلار ئەترىتى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش تۇرى بويىچە 2010-يىلى جوڭگۇ مائارىپ تورى، جوڭگو مائارىپ لىنىيىسى تەرىپىدىن «2010-يىللىق مەملىكەتلىك 10 چوڭ مائارىپ جامائەت پاراۋانلىق تۈرى» شەرىپىگە ئېرىشتى.
يالقۇن ئوسمان يېزا مەكتەپ پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى بارلىق ھەر خىل پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ ھەممە پائالىيەتلەرگە ئۆزى قاتنىشىپ، ئۆزى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ 2008- يىلى 5- ئايدا شەخسەن ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ خېجىڭ ناھىيىسى ئولاستاي دېھقانچىلىق مەيدانى توپتال كەنت مەكتىپىگە بىر ئېلىكترونلۇق ئوقۇتۇش دەرىسخانىسى قۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ داۋاملىق پىدائىيلار پائالىيىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ماددىي ياردىمىنى ئايىماي سەرپ قىلىپ كەلدى.
يېزا مەكتەپ پىدائيىلىرى ئەترىتى قۇرۇلۇپ، تەرەققىي قىلىپ تا ھازىرغىچە بولغان ھەر بىر پائالىيەتكە يالقۇن ئوسماننىڭ مېھىر – شەپقىتى، ئەقىل پاراسىتى ۋە زور مېھنەت تەرى سىڭگەن.
ئۇ ھەربىر مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئالتۇندەك ياشلىقىنى يالقۇنجاتتى، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق يالقۇندۇر. تېخىمۇ يالقۇنلاپ يانغىن يالقۇن!