يېقىندا ئەخەت تۇردىنىڭ ھايات شۇنداق رومانىنى ئوقۇپ نۇرغۇن ياخشى جايلارغا سىزىپ قويغان بۈگۈن شۇنى كۆپچىلىككە بىر سۇناي ،تەڭ بەھر ئالايلى،(مۇنبەر ئەھلىگە تەۋسىيە قىلىمەن)
ھايات شۇنداق ،ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئادەم _مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن ياكى گاداي بولسۇن ،مەيلى ئوڭ بولسۇن ياكى ساراڭ بولسۇن ،مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن_ئۆزىگەخاس نام ۋە ئىز قالدۇرىدۇ.ھاياتتا ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ،گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ،يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ،بايلىق بىلەن گادايلىق ،پاكلىق بىلەن چىرىكلىك ،سەمىمىلىك بىلەن ساختىلىق ،مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر بىرىگە كەسكىن سېلىشتۇرۇلغان بولىدۇ،مانا شۇلارنىڭ يېغىندىسى ھاياتنىڭ ھەقىقىتى دەپ ئاتىلدۇ!
دۇنيادا ئۈچ خىل دوستلۇق ئەڭ مۇستەھكەم ھەم قىممەتلىك بولىدۇ،بىرىنجىسى،ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوسلۇق،ئىككىنجىسى ،ئاكوپتىكى دوسلۇق ،ئۈچۈنجىسى،كامىردىكى دوسلۇق،
بالىلىق دەۋرىدىكى ئۆچمەنلىكلا ھەقىقىي ۋە ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان ئۆچمەنلىكتۇر.
تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ ،سىنى كەتمەيدۇ.
بىر چاغلاردا سېنى مەپتۇن قىلىپ،سىنى ئېگىلىگەن بىر ئايال سەن تەرەپتىن تاشلىۋىتىلىپ ئۇزاق يىللاردىن كېيىن قايتا سېنىڭ ئالدىڭدا پەيدا بولسا ،ئۇيەنىلا سېنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازابقا سالىدۇ.
ياشاش تەس ئەمەس ،ئادەم بۇلۇش تەس!ھەي ئادەم ،ھارام نىيەتتىن ،گۇناھكەبىردىن يىراق بول ،مەنمەنلىكنى ئۆزۈڭدىن تەرك ئەت !
ھەي ئىنسان ،ھەن ئۆزۈڭنى تۇپراق دېگىن ،كىشىلەر سېنى دەسسەپ يول ئاچسۇن،بۇ دۇنيادا قانائەت قىلغانلار ئەزىز بولىدۇ،تەمە قىلغانلار خار بولىدۇ!
دۇنيادا ئېتىقاتسىز ئادەم بولمايدۇ.لېكىن ئادەم ھاياتىدا مەلۇم ئېتىقادقا ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئېرىشىدۇ،ئۆز خاھىشى بويىچە يېتىپ بارىدۇ .چۇنكى ئېتىقاد ئەركىن نەرسە !
ئىككى يېرىم مىنۇت ئۆمۇر كۆرەر ئىنسان :بىر مىنۇت كۈلكە بىلەن ،بىر مىنۇت ھەسرەت بىلەن ،يېرىم مىنۇت كېتەر سۆيگۈ بىلەن.
مۇھەببەت _ يوق ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان نەرسىنى خالاشتۇر.
خاتىرە ئىچىدە ياشاش ئادەمنى بەكمۇ مۇڭلۇق ھەم خامۇش قىلىپ قويىدۇ،رىئاللىق ئىچىدە تۇرۇپ ،كەلگۈسىگە ئنتىلىشلا ئادەمنى ئۈمۈدۋار ،جۇشقۇن قىلىدۇ!
مۇھەببەت يولى ئەگرى-توقاي ئىكەن ،ئۇنىڭدا ياپيېشىل گۈلزارلىقلا ئەمەس ،بەلكى سېسىق پاتقاقلىق ،خەتەرلىك سوقماق ،داۋانلىق تاغ يولىرى بولىدىكەن.
شۇنداق ،تۇرمۇش ھەمىشە كۆپكۈك ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ،تەبەسسۇم كۈلكىسىگە چۈمۈۋەمەيدۇ،بەزىدە مۇدھىش بوران -چاپقۇننىڭ زەربىسىدىن ئەڭراپمۇ قالىدۇ.قۇياش نۇرى بولغانىكەن كۆلەڭگىمۇ بولىدۇ،يۈز يول بار يەردە ئەگرى يولمۇ بولىدۇ ،تاتلىق بولغانىكەن ئاچچىقمۇ بولىدۇ ............ھايات دېگەن ئەنە شۇ !
[MP=500,50
http://mp3.ulinix.cn/ulinixcn893/uyghurche/sansizjan/surat_mung.mp3[/MP]