• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مۇمكىنسىز قىسمەتلەر(سۆيگۈ تىلەكلىرى)

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    1 سەن ھاياتىمنىڭ غۇۋا بوشلۇقى ئىچىدىن جىمجىتقىنە مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتىڭ. مەن ئۆز ئاياغلىرىم بىلەن سېنى تۇتۇپ قالماقچى بولۇپ قەلبىمدىكى مۇقەددەس ئوردىدا ناھايىتى ئۇزاق كۈتتۈم. شەپىسىز ئاياغلىرىڭ ئۈمىدسىز خىياللار ئارىسىدىن ئۆز تىۋىشىنى ئاستا ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئۆز روھىم ئىچىدە سولىنىپ ئولتۇرۇپ ھەممە نەرسىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. مۇمكىنسىز تىنىقلىرىڭ يىراقتىكى پىچىرلاشلىرىڭنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. مەن يەنە ئۆز قەلبىم ئىچىدە سېنىڭ ئاۋازىڭ بار ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالدىم،كۈلۈمسىرەۋاتقان سۆزلىرىم دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ، كىمگىدۇر بىر پەس شىۋىرلىدى. تۇيۇقسىز تاتلىققىنە ئۈمىد ھۇجرامغا ئۈسۈپ كىرىپ مەڭدەپ قالغان خىياللىرىمنى يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى. شۇندىلا مەن سېنى ناھايىتى سېغىنغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.


    2 ئۇنتۇپ كەتكەن ئەسلىمىلەردىن سىلەر نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ قەلبىمدىكى غەمكىن ناخشىلار . سىلەر ھاياتىمنىڭ تىمتاس جىلغىسى ئىچىدىن ئۈن_تىنسىزلا ئېقىپ كېتىشنى ئويلاۋاتامسىلەر؟ سۆزلىرىمنىڭ تارتىچاق كۆزىگە يۇشۇرۇپ قويغان ھەسرىتىڭلارنى نېمىشقا بىرگە ئېلىۋالمايسىلەر؟ ئۇلار قاچانغىچە ئۆمرۈمدىكى تىپتىنچ دەريا سۈينى داۋالغۇپ ئۆتىدۇ؟! ئېھ، ئۇياتچان ئەسلىمىلىرىم،رەھمەت سىلەرگە. بۇ پەسىلدىكى شاتلىق كۈيىنى ئېلىپ قالالمىغان بولساڭلارمۇ ھەسرەت ناخشىلىرىنى شۇ پىتى ساقلاپ قاپسىلەر .كۈلكىلىرىم ئۆزىنىڭ ھەسرەت بوستانىدىكى يوپۇرماقلارغا ئاشۇنداق پىچىرلاشنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈن سىلەگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئۇنتۇلغان دەقىقىلەردە مەن ئۆزۈمنى ئاشۇنداق ناخشىغا ئۇرسام دەيمەن. ھاياتىمنى مۇمكىنسىزلىك ئىچىدىكى جىمغۇرلۇق باغرىغا چىلاپ قويغان بولساممۇ ، يۈرىكىم يىراق دۇنيانىڭ پىچىرلىشىشىنى تېخىچە ئاڭلاپ باقمىدى. ئەمما شۇندىمۇ رەھمەت سىلەرگە غەمكىن ناخشىلىرىم.مىنى ئاشۇنداق جىمجىت؛ ئۇنتۇپ كەتكىنىڭلاردىن تولىمۇ خۇشالمەن. لېكىن ، ئاشۇ ئەسلىمىلەردىن سىلەر يەنە نېمىگە ئېرىشمەكچى؟! [MP=500,70http://mp3.ulinix.cn/ulinixcn89x/uyghurche/xakirjan/7.wma[/MP]


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى تەرمىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • ئادەم ھاياتىدا نىشان بەلگىلەش كېرەك . بىر ئۆمۈرلۈك نىشانى بىر مەزگىللىك نىشانى بىر باسقۇچلۇق نىشانى بىر ئايلىق نىشانى بىر ھەپتىلىك بىر كۈنلۈك بىر سائەتلىك ھەتتا مىنۇتلۇق نىشانىمۇ بولۇشى كېرەك . ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن كىچىك نىشانلاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش