• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بىر تېمىم ئادەم

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     gYwئاقيول تور بىكىتى

        بەگمەت يۈسۈپ gYwئاقيول تور بىكىتى

        سىزغان رەسىمگە ‹‹گۈل پەسلى›› دەپ ئىسىم قويدۇم. گۈل پەسلىنىڭ ئەلۋەتتە كىشىگە ئوماقلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان غۇنچە پەسلى بولىدۇ. بۇ چاغدا بەرگى بىلەن ياپراقنىڭ ھەممىسى يېقىملىق، ھەممىسى نازاكەتلىك.gYwئاقيول تور بىكىتى

        ھاياتقا شۇنداق تەبىر بەرگۈم كەلدى: چۈش بىلەن رېئاللىق بىر تېمىم ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇ گۈلنىڭ بەرگىگە تامچىسا تۇيغۇلار ناۋاسى ياڭرايدۇ. تۇپراققا چۈشسە ئۇزاققا سوزۇلغان بىر سۈكۈتكە ئايلىنىدۇ. سۈكۈت بىر زامانلاردا يەنە تامچىغا ئايلىنىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم: مەن چاڭقىغان گۈلنىڭ يىلتىزىدىكى ھاياتلىق سەۋەبكارى. مەن ئېقىن دەريادىكى ئىز – دېرەكسىز سۇ. مەن ياز پەسلىدىكى ئۇچۇپ يۈرگەن يامغۇر تامچىسى. مەن ساھىبجامالنىڭ كىرپىكىدىكى قەلب يېشى. ئۇ ئاشۇ ياش ئارقىلىق بارلىق ھاياجان، ھەسرەتلىرىگە تەسەللى تاپىدۇ. مەن يىگىتلەرنىڭ ماڭلىيىدىكى غەلىبە تەرى نۇرغۇن مۇشەققەتلەر ئاخىرىدىكى خۇشاللىق. مەن بوۋامغا ۋەدە قىلدىم، بىر تېمىم تۇز بولۇشقا ئوقۇيمەن دەپ. ھويلىدا تونۇر ياساۋاتقان مومام بۇنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدى. تونۇر ئوتتا تاۋلىنىدۇ، نان تاۋلانغان تونۇردا پىشىدۇ. بۇ بىر ئەقىدە. ئەمما، نان قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا پىشۇرۇلغان ئەمەس. ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇرمۇش ھېكمەتلىرى يۇغۇرۇلغان. تۇغۇلۇپ تا چوڭ بولغىچە تالاي ناخشىلار مېنى ئالقىنىدا ئەللەيلىگەن. تالاي كۈنلەر ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بەرگەن. ھېكايە بىر جەريان، ناخشا يىغىنچاق ھېكمەت. ھېكمەتتىن ئەقىل تاپىمەن، ناخشىدىن ھاياجانلىنىمەن. ئەقىل بىلەن ھاياجاننىڭ ھېچ بىر قارىمۇقارشىلىقى يوق. ئۇنىڭ مۇۋازىنىتى مۇھىم. ھاياجان ئەۋجىگە چىققاندا ئادەم تەنتەكلىشىدۇ، ئەقىل چوڭقۇرلاشقاندا قەلب ئازابقا تولىدۇ. ئۇزاق ئۆمۈر ئىچىدە كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى ھەر ئىككىلىسىگە مەيىل بېرىش، ئەلۋەتتە! چۈشكۈن دەرۋىشنىڭ مەززىسىز پەلسەپىسىنىڭ، كۈلۈشتىن پاراكەندە بولغان دۇنيا ئەخمەقلىرىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى، مەن بىر تامچە، ئاستا – ئاستا بۇلاققا ئايلانغان.gYwئاقيول تور بىكىتى

        مەن بىر تامچە ئاستا – ئاستا ئېقىنغا ئايلانغان.gYwئاقيول تور بىكىتى

        مەن بىر تامچە ئاستا – ئاستا دەريادەك ئاققان، قىرغاقلاردا يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى پەيدا قىلغان.gYwئاقيول تور بىكىتى

        مەن ئېتىزلارنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرغۇچى، ئىنسان ئاشقا موھتاج بولغاندا.gYwئاقيول تور بىكىتى

        مەن ئورمانلارنى بەرپا قىلغۇچى، ئىنسان تېخىمۇ كۆپ ياغاچ ئاتلارغا موھتاج بولغاندا.gYwئاقيول تور بىكىتى

        ياغاچ ئات ئۇ بىر تىراگېدىيەلىك سۈكۈتنىڭ يالدامىسى.gYwئاقيول تور بىكىتى

        مەن چۈشتىن ئويغانغىنىمدا بۇ يالدامىنىڭ بىر مەيدان قايغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرىمەن.gYwئاقيول تور بىكىتى

        مەن چۈشۈمدىلا ئۇنىڭ ئاجايىپ بىر چاقچاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ‹‹كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق›› بۇ سۆزنى خاتىرەمگە يېزىۋالدىم – دە، ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم.gYwئاقيول تور بىكىتى

        ئاسمان بىلەن يەر ئارىلىقىدا – مانا بۇ ھاياتلىق!gYwئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تەرمىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • ئادەم ھاياتىدا نىشان بەلگىلەش كېرەك . بىر ئۆمۈرلۈك نىشانى بىر مەزگىللىك نىشانى بىر باسقۇچلۇق نىشانى بىر ئايلىق نىشانى بىر ھەپتىلىك بىر كۈنلۈك بىر سائەتلىك ھەتتا مىنۇتلۇق نىشانىمۇ بولۇشى كېرەك . ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن كىچىك نىشانلاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش