• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئىناۋەت ئۇ قەدىر-قىممەت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     HnLئاقيول تور بىكىتى

    ۋارىسجان ئەھمەدHnLئاقيول تور بىكىتى

     HnLئاقيول تور بىكىتى

    ئادەم ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاپ، ئۆز كۆڭلىنى ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق خۇش ئېتىدۇ ياكى تەدبىرسىزلىكىدىن نادامەتتە قالىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئۇ مەيلى قانداق ياشىسۇن ۋە قانداق تۇرمۇش شارائىتىدا تۇرسۇن، ھامان ئۇنىڭ ئەخلاقى، ئىنسانىي پەزىلىتى، غۇرۇرى، مەسئۇلىيەت ھەم بۇرچ تۇيغۇسى شۇ ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى قەدىر-قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىناۋەت تىكلىمەك ئانچە ئاسان ئەمەس. ئىناۋەتنى ئۆزىنى ماختاپ ۋە باشقىلارغا ماختىتىپ تىكلىگىلى بولمايدۇ. يېقىندا بىرەيلەننىڭ قىلغانلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنۈپ دادلىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئەلۋەتتە، قىلغانلىرىمىزنى خەلق بىلىدۇ، ياخشى ئىش بولسا قەدرىنى قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەم مەسئۇلىيەتچان، خىزمەتتە سەمىمىي ھەم ئەستايىدىل، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە راستچىل ھەم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان بولسىلا، ئائىلە، جەمئىيەت ۋە كەسىپتە باشقىلارنىڭ قوللىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ ئىناۋىتى شۇ ئادەمنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان قەدىمى، ئىش-ھەرىكىتى بەدىلىگە تىكلىنىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىناۋەت تاپماقتىن ئىناۋىتىنى تۆكمەك تولىمۇ ئاسان. بىرەرسىگە پوخۇرلۇق، يالغانچىلىق قىلىش؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ئەدەپ-ئەخلاقتىن چەتنەش قاتارلىقلار شۇ ئادەمنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ.HnLئاقيول تور بىكىتى

    ئادەم تۇتقان يولىنى توغرا تاللاپ، قانۇن-تۈزۈم ھەم ئائىلە، ئىجتىمائىي ۋە كەسىپ ئەخلاقى بىلەن ئۆزىنى ھەرۋاقىت چەكلەپ تۇرمىسا، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت، يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىقلاردا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ ئەخلاقنىڭ قارشىلىقىغا، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېلىشى مۇمكىن.HnLئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تەرمىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • ئادەم ھاياتىدا نىشان بەلگىلەش كېرەك . بىر ئۆمۈرلۈك نىشانى بىر مەزگىللىك نىشانى بىر باسقۇچلۇق نىشانى بىر ئايلىق نىشانى بىر ھەپتىلىك بىر كۈنلۈك بىر سائەتلىك ھەتتا مىنۇتلۇق نىشانىمۇ بولۇشى كېرەك . ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن كىچىك نىشانلاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش