• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بىر ئىستاكان سۈت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     rtpئاقيول تور بىكىتى

    بىر نامرات ئوقۇغۇچى ئۆتكەنىكەن. ئۇ ئوقۇش پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن دەم ئېلىش كۈنلىرى مىلىچماللار دۇكىنىدىن بىر نەرسىلەرنى ئاچىقىپ ساتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۆيىدىن خېلىلا يىراق بىر جايغا مال ساتقىلى چىقىپتۇ، لېكىن كەچ بولغۇچە سودا قىلالماپتۇ. ئۇ قورسىقىنى توقلىماقچى بولۇپ يانچۇقىغا قارىسا، ئون تىيىندىن باشقا پۇل چىقماپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىر بىرەر ئۆيدىن ئازراق يېمەكلىك سوراپ يېمەكچى بوپتۇ. ئۇ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ. ئۆيدىن چىرايلىق بىر قىز چىقىپتۇ. بالا ئۇنىڭدىن يېمەكلىك تەلەپ قىلالماي، بىر ئىستاكان سۇ بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. قىز ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ، بىر ئىستاكان سۈت ئاچىقىپتۇ.بالا سۈتنى ئىچىپ بولغاندىن نەچچە پۇل بېرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. قىز پۇل ئالمايدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ دائىم ئۇنىڭغا ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى ئايىماسلىقىنى نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بالا كېتىپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ھېلىقى قىز ئېغىر كېسەل بولۇپ شەھەردىكى دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىپتۇ. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭغا مەسئۇل دوختۇر ئەينى يىلى ئۇ بەرگەن سۈتنى ئىچكەن بالا چىقىپتۇ. دوختۇر ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ئۇنى داۋالاپ ساقايتىپتۇ. قىز دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا، داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىمەكچى بوپتۇ. ئۇنىڭ پەرىزىدە داۋالىنىش پۇلى چوقۇم كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىكەن. ئۇ تالوننى ئېلىپ ھەيران قاپتۇ، چۈنكى تالونغا« داۋالاش ھەققى بىر ئىستاكان سۈت» دەپ يېزىلغانىكەن.rtpئاقيول تور بىكىتى

    شۇنداق، ھاياتتا تۈرلۈك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. كىمكى باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە غەرەزسىز ياردەم قىلىدىكەن، جەزمەن ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.rtpئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تەرمىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • ئادەم ھاياتىدا نىشان بەلگىلەش كېرەك . بىر ئۆمۈرلۈك نىشانى بىر مەزگىللىك نىشانى بىر باسقۇچلۇق نىشانى بىر ئايلىق نىشانى بىر ھەپتىلىك بىر كۈنلۈك بىر سائەتلىك ھەتتا مىنۇتلۇق نىشانىمۇ بولۇشى كېرەك . ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن كىچىك نىشانلاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش