• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • [تەرجىمە] 100-پارچە خەتنى كۈتۈش

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبتىكى بىر كىچىك شەھەرگە تەقسىملەندىم. گەرچە جەنۇبنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلسىمۇ، چوڭ شەھەرلەرگە تەقسىملەنگەن ساۋاقداشلىرىمنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىم ئاچچىق بولۇپ قالاتتى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئالىي مەكتەپ چېغىمدا مەن سىنىپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. بۇ شەھەر گۈزەل بولغىنى بىلەن، كىچىكلىكىدىن قاناتلىرىمنى بوغۇشلاپ قويغاندەك ھېس قىلاتتىم.

    تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. خىزمەتنىمۇ قولۇمنىڭ ئۇچىدىلا قىلاتتىم. ئىدارەمنىڭ ئارقىسىدا مەنزىرىلىك بىردۆڭلۈك بار بولۇپ، چۈشلىكى پات-پات قېچىپ بېرىپ ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئۈستىدە كۆزلىرىمنى قىسقىنىمچە ئاسمانغا قاراپ قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلىنىپ ياتاتتىم. بىر كۈنى، ئوت-چۆپلەر ئۈستىدە يېتىپ خىيال سۈرىۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىز ناخشا ۋە كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. ناخشا ئاۋازى تولىمۇ لەرزان، كۈلكە ئاۋازى بولسا قوڭغۇراقتەك زىل ئىدى. كۆزۈمنى ئېچىپ ئاسماندىكى چوڭ، رەڭلىك لەگلەكنى كۆردۈم، يەردە بىر توپ ئوماق بالىلار ئويناۋاتاتتى، كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم. بالىلارنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. زىلۋا بەدىنىگە ماس كەلگەن ئاپپاق ئۇزۇن كۆڭلىكى، بەللىرىگىچە يېيىلغان قاپقارا چاچلىرى.... بۇ مەنزىرە گويا بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاش مېنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ناخشىسى، كۈلكىسى قەلبىمگە بۆسۈپ كىرىپ، ھاياتىمغا ئىنتىلىش ۋە يېڭىلىق قوشقان ئىدى.

    كېيىنكى كۈنلەردە پات-پات شۇ يەرگە بېرىپ ئۇنى كۈتەتتىم، يىراقتىن كۈزىتەتتىم، ئۇنىڭ بالىلارغا ئېيتىپ بەرگەن ناخشىلىرىنى ئاڭلايتىم. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ئىستەيتىم، ئەمما ئۇ شۇقەدەر نازۇك ۋە تارتىنچاقكى، قىپقىزىل قىزارغان يۈزىنى تۆۋەن سېلىپ بىر ئېغىزمۇ سۆزلىمەيتى. بىراق مەن بالىلار بىلەن يېقىن دوست بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئىسمىنى، ئۇنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم.

    كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇمغا دۆڭلۈككە بېرىپ ئۇنى كۈتۈشتىن باشقا يەنە بىر مەزمۇن قوشۇلدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭغا خەت يېزىش ئىدى. بىرىنچى پارچە خېتىمنى سېلىپ بولۇپلا دەككە-دۈككىگە چۈشكەن ئىدىم، ئۇنىڭ مېنى رەت قىلىۋېتىشىدىن قورقاتتىم. ئاخىرى بىر كۈنى دەرۋازىدىن كىرىۋاتقىنىمدا خەت-چەككە مەسئۇل بوۋاي :" يىگىت، خېتىڭ باركەن" دەپ توۋلىدى. يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، قوللۇرۇم تىترىگىنىچە كونۋېرتنى ئاچتىم. ئېچىپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. كونۋېرتنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق ئىدى... تالاي قېتىم ئۇنى ئۇچراتقاندا سەۋەبىنى سورىماقچى بولدۇميۇ، ئۇنىڭ تاتلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپلا نىيىتىمدىن ياناتتىم. مانا مۇشۇنداق قىلىپ بۇ كىچىك شەھەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدىم. باشقا چوڭ شەھەردىكى دوستلىرىم كەسپ جەھەتتە خېلى زور ئۇتۇقلارنى قازانغان ئىدى. مەن بولسام كەسىپتىمۇ، مۇھەببەتتىمۇ بۇرۇنقىدەك ئىدىم. ۋاقىتنى مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزۋەتسەم بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاخىرى ئۇنىڭغا 98-پارچە خەتنى يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، ئويلىغانلىرىمنى بارلىقىمنى ئېيتىپ بەردىم، ئەمما تاپشۇرۇپ ئالغىنىم يەنىلا قۇرۇق كونۋېرت بولدى. ئاخرى بىر قارارغا كېلىپ، شېنجىنغا بارىدىغان پويىزغا قەدەم باستىم.

    شاۋقۇنلۇق شەھەر، ئالدىراش خىزمەت نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇلدۇردى. پەقەت ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىملا بۇرۇنقىدەك ئىدى. ئۇنى پەقەت ئۇنۇتالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭغا 99-پارچە خەتنى يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى ئېيتتىم. ئۇنىڭغا توي قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى بەكمۇ ئېيتىپ بەرگۈم بار ئىدى. بولغۇسى ئايالىم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئىدى. ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىل ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۆت يىل داۋامىدا ئۇ ئۈن-تۈنسىز يېنىمدا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سەككىز يىللىق كۈتۈشىنى دەپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىر ئائىلە بېرىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش ھىجران ئازابىنى چېكىشىنى خالىمىغان ئىدىم. تويىمىز ناھايىتى ئاددىلا ئۆتتى. ئويلىمىغان يەردىن توي كۈنى ئۇنىڭدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. توي كېچىسى ئايالىم بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈش ئىرادەمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇرۇنقى كونۋېرتلار بىلەن ئاغزى ئېچىلمىغان خەتنى ئايالىمنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. ئايالىم مۇلايىملىق بىلەن" ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭە" دېدى. " بولدى، سىز ئېچىڭ، ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى، قالغانلىرى مۇھىم ئەمەس" دەپ رەت قىلدىم. ئايالىم بېشىنى لىڭشىتقىنىچە كونۋېرتنى ئاچتى. مەن بۇ كونۋېرتنىڭمۇ قۇرۇق بولىشىنى نەقەدەر ئۈمۈد قىلاتتىم ھە! ئىچىدىن كىچىك كارتا لەيلىگىنىچە يەرگە چۈشتى. ئايالىم كارتىنى ئېلىپ كۆرۈپ، ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن كارتىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. كارتىدا ئۇنىڭ پۇچۇركىسى تۇراتتى:" 100- پارچە خېتىڭىز بىلەن تەڭ سىزنى كۈتۈۋاتىمەن، شۇ چاغ سىزنىڭ ئايالىڭىز بولغان ۋاقتىم بولىدۇ."


    ئىشىكتىن قانداق چىققىنىمنى بىلمەيتىم. قولۇمدا 99 پارچە كونۋېرتنى تۇتقىنىمچە شېنجىن كوچىسىدا ئايلىنىپ يۈرەتتىم. ھېس-تۇيغۇلىرىمنىڭ نەلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتىم. ئاخىرى شېنجېندىكى ئەڭ ئېگىز بىناغا چىقىپ، 99 پارچە كونۋېرتنى كېچە ئاسمىنىغا ئېتىپ، ئۇلارنىڭ گويا 99 دانە كېپىنەككە ئوخشاش مۇھەببىتىمنى دەپنە قىلغىنىغا قاراپ تۇردۇم......


    [MP=500,50http://mp3.ulinix.cn/ulinixcn893/uyghurche/tallanma/sowga/13.wma[/MP]


    ئادىرسىمىز

    ئەڭ يىڭى تەرمىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • ئادەم ھاياتىدا نىشان بەلگىلەش كېرەك . بىر ئۆمۈرلۈك نىشانى بىر مەزگىللىك نىشانى بىر باسقۇچلۇق نىشانى بىر ئايلىق نىشانى بىر ھەپتىلىك بىر كۈنلۈك بىر سائەتلىك ھەتتا مىنۇتلۇق نىشانىمۇ بولۇشى كېرەك . ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن كىچىك نىشانلاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش