خېلى زامانلار ئىلگىرى بىر سودىگەر كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر قېرىنداش ساتقۇچىنى ئۇچرىتىپ، ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلىدە بوپتۇ. ھېچقانداق ئويلانمايلا 10 يۈەننى ئۇ مال ساتقۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ھېچنىمە دېمەيلا مېڭىپتۇ. ئۇ بىر قانچە قەدەم ماڭمايلا مال ساتقۇچىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ 10 يۈەننى بېرىپلا سېتىۋالغان قېرىندىشىنى ئالماي كەتكەنلىكىنى دەپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ بىر سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە بىر سودا پائالىيىتىدە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، تولىمۇ سۆلەتلىك بىرەيلەن بۇ سودىگەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ:
— بەلكىم سىز مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنسىز، بىراق مەنمۇ سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەمما سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. چۈنكى، سىز ماڭا ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلغان تۇنجى ئادەم. سىز شۇ چاغدا ئارقىڭىزغا يېنىپ كېلىپ ئىككىمىز ئوخشاشلا سودىگەر دېگەنگە قەدەر ئۆزۈمنى بىر قېرىنداش ساتىدىغان قەلەمدار ھېسابلاپ كەلگەن ئىدىم. ئەنە شۇ ھۆرمەت سۆزىدىن باشلاپ، مەن ئۆز-ئۆزۈمنى تۆۋەن چاغلاشتىن ئۆزۈمنى قەدىرلەشكە يۈزلەندىم. شۇنىڭ بىلەن مانا ھازىرقى «مەن» گە ئايلاندىم، — دەپتۇ.
بۇ ئاددىي بىر ھېكايەتتىن باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىۋالالايمىز. ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ «ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن، ئىززەت قىلساڭ ئىززەت تاپارسەن» دېگەن ئېسىل ئەنئەنە مانا بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>