مۇھەممەدباي بادۈر شاۋگۈنى (تاجىك)
ياخشىلىق — ياخشىلارنىڭ ئالتۇن تەخسىدە سۇنۇلغان بىر دەستە خۇشپۇراق گۈل، گەرچە ئۇنىڭ پۇرىقىدىن مەست-ئەلەس بولالمىساڭمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن چوقۇم ھۇزۇرلىنىسەن.
ياخشىلىق — بىر قەلبنىڭ ئىككىنچى بىر قەلبكە يەتكۈزۈلگەن مېھرىبانلىق بولۇپ، ئۇ تەمەدىن، داۋراڭ سېلىشتىن يىراق.
ياخشىلىق — ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىن ئوقچىغان، ياخشىلىق قىلىنغۇچىنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك ياشارتقۇچى كۆرۈنمەس روھ ئوزۇقى.
ياخشىلىق — ئۆز-ئۆزىگە شادلىق ئىزدەش بىلەن بىللە، ئۆزگىلەرگە ياساتقان سائادەت يولى.
ياخشىلىق — سەن ئۇنتۇلغان ۋاقىتتا ھوسۇل بېرىدىغان ھاياتلىق ئېتىزى! چۈنكى، سېنىڭ ئۇنىڭغا تېرىغىنىڭ دەل كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد ئۇرۇقى. شۇڭا دەيمىزكى، ياخشىلىق - دۇنيادىكى بارلىق خەيرلىك ئىشلارنىڭ مۇقەددىمىسى!
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
