• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ھايات ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    mbyئاقيول تور بىكىتى

     mbyئاقيول تور بىكىتى

     mbyئاقيول تور بىكىتى

    تەقدىرmbyئاقيول تور بىكىتى

    كىچىك ۋاقلىرىمدا چوڭلاردىن پات–پات: «ئادەمنىڭ تەقدىرى پىشانىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچكىم قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ»، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلايتىم ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم. لېكىن ئەقلىمگە كەلگەندىن كېيىن بۇ گەپكە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولدۇم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى، بىر كۈنى دوستۇم بىلەن تەقدىر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قالدىم، ئۇ مەندىن:mbyئاقيول تور بىكىتى

    ـــ سەن تەقدىرىگە ئىشىنەمسەن؟ ـــ دەپ سورىدى.mbyئاقيول تور بىكىتى

     ـــ ئىشىنىمەن، ـــ دەپ جاۋاب بەردىم.mbyئاقيول تور بىكىتى

    ـــ ئۇنداقتا سېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇڭمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟ سېنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشۇڭ نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر سەن تىرىشىپ ئوقۇمىغان بولساڭ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولاتتىڭ، ئۇنداقتا سەن يەنە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلارمىدىڭ؟ ـــ دەپ سورىدى.mbyئاقيول تور بىكىتى

    توغرا، مەن تىرىشمىغان، ياخشى تەكرار قىلماي ئويناپ يۈرگەن بولسام، بەلكىم تەقدىرىم باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇنداقتا ‹‹سەن تەقدىرىگە قانداق قارايسەن؟›› ـــ دەپ سورىدىم.
        ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
    mbyئاقيول تور بىكىتى

    ـــ ئاداش تەقدىرنى بىز ئۆزىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن يارىتىمىز، ـــ دەپ جاۋاب بەردى.mbyئاقيول تور بىكىتى

    بۇ كىچىككىنە سۆھبەت ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تەقدىرىمنى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، ھاياتىمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.mbyئاقيول تور بىكىتى

    تۇرمۇش
     
    تۇرمۇش شۇنداق بولاركەن تۇرمۇش،
    ئۇ دۇنيادا قۇۋ ھەم رەھىمسىز.
    تۇر دېگەندە تۇرمىساڭ، بار مۇشت،
    تۇر بىلەن مۇشت قوشۇلۇپ تۇرمۇش.
       
    mbyئاقيول تور بىكىتى

    تۇرمۇش مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدا خۇشاللىق، خاپىلىق، غەم-قايغۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئادەملەرنىڭ ئاشۇ خىل تۇرمۇشقا بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر خۇشاللىقتىن شادلىنىپ، ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدۇ، خاپىلىق، غەم-قايغۇغا يولۇققاندا، ئۆزىنى يوقىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىن، كىشىلەردىن ئاغرىنىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ. بەزى كىشلەر بولسا خۇشاللىق يولۇقسا ئۇنىڭدىن ھەممىنى بەھرىمەن قىلىپ، خاپىلىق، قايغۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ قەيسەر تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئالدىنقىلار تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلىدە بولالمايدىغانلار بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىز بورانلىرى ئۇلارنى ھالاكەت جىلغىلىرىغا ئاپىرىپ تاشلاپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا تاشلايدۇ. كېيىنكىلەر بولسا تۇرمۇشتىن غالىب كەلگۈچىلەر بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆز قولى بىلەن بەختلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
     
    mbyئاقيول تور بىكىتى

    ھاياتلىق
     
    mbyئاقيول تور بىكىتى

    ئىنسان بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ، يىغا ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
        ئىنسان ھاياتىنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، يەنە نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەپ، قىسقىغىنە ھاياتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ، بۇنداق كىشلەر ھايات ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشسە، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن سېغىنىشقا، ئەسلىشىگە ئېرىشىدۇ. بەزى كىشلەر ھاياتلىقتا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھاياتى ئۈن-تىنسىز ئۆتىدۇ، يەنە بەزى كىشلەر ئۆز ھاياتىنى باشقىلار ھاياتىنىڭ كۈلپىتى ئۈستىگە قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ھاياتلىق مانا مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. ھاياتلىقنى قەدىرلەش-قەدىرلىمەسلىك، قانداق ئۆتكۈزۇش ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ.
    mbyئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تەرمىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • غايە ھەققىدە دۇردانىلەر
    • ئادەم ھاياتىدا نىشان بەلگىلەش كېرەك . بىر ئۆمۈرلۈك نىشانى بىر مەزگىللىك نىشانى بىر باسقۇچلۇق نىشانى بىر ئايلىق نىشانى بىر ھەپتىلىك بىر كۈنلۈك بىر سائەتلىك ھەتتا مىنۇتلۇق نىشانىمۇ بولۇشى كېرەك . ئۇلۇغۋار نىشانلار ئۈچۈن كىچىك نىشانلاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش