ئەسقەر ئەركىن
ھويلىمىزغا تېرىدۇق،
شوخلا، كاۋا، تەرخەمەك.
پولات قورغان — ئارمىيەم،
بايرىمىڭغا مۇبارەك.
ئاسماندىكى بۇلۇتلار،
ئوخشار ئاپئاق مەخمەلگە.
ۋەتەن ئۈچۈن ئارمىيەم،
پىسەنت قىلماس خەتەرگە.
بەخت كۈلەر ھەر قاچان،
ھالال ئەجىر، قان-تەردە.
نەدە بولسا مۇشەققەت،
ئارمىيەمىز شۇ يەردە.
مەشرەپ ئويناپ سەھرادا،
ئالدۇق چوڭقۇر تەربىيە.
ئارمىيەمىز شەنىگە،
تۈگىمەيدۇ مەدھىيە.
بۇ يىل ئەجەپ ئوخشىدى،
ئالما، ئانار، شاپتۇللار.
دىلىمىزدىن ئېيتىمىز،
ئارمىيەگە ھەشقاللا.
يولنىڭ ئىككى چېتىگە
قاتار-قاتار سالدۇق ئۆي.
ئارمىيەنىڭ شەنىگە،
ياڭرىتىمىز ناخشا-كۈي.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
