• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بىز ئەجداد روھىغا قانداق ۋارىسلىق قىلدۇق (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2GCئاقيول تور بىكىتى

    ئۇيغۇرتىلى مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»نىڭ بىرىنچى توم 41-بېتىدە (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى نەشىرى ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1980-يىلى نەشىر قىلغان)«ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى ھېساپلىنىدۇ»دەپ يازغان. خاقانىيە نىڭ مەركىزى ئۆلكىسىنىڭ قەشقەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى تارىخچىلارغا سىر ئەمەس . دىمەك ،قەشقەردىكى تۈرك تىلىىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىۋاستە ئەجدادى ئىكەنلىكىمۇ ئىلىم ئەھلىگە سىر ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن ،«دىۋان»دىكى سۆزلەملەرنىڭ شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ بەرگەن ھۆكۈملەردىن پايدىلىنىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەھۋالىغا باھا بېرىپ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ زاكونىغا خىلاپ ئىشمۇ ئەمەس. قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دىگەن شۇ.
    مەھمەد كاشغەرىي «دىۋان»نىڭ كىرىش سۆز قىسمىنىڭ «سۆزلەرنىڭ قانچە ھەرىپتىن تۈزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا»دىگەن قىسمىدا مۇنداق يازىدۇ . «بەزى سۆزلەر تەشتىتسىز ئىككى ھەرپتىن تۈزىلىدۇ(ئات)،(ئەر)سۆزلىرىگە ئوخشاش.
    ئۈچ ھەرىپتىن تۈزىلىدۇ:ئوزۇق مەنىسىدىكى ئازۇق ۋە گۇناھ مەنىسىدىكى يازۇق سۆزلىرىگە ئوخشاش.
    تۆت ھەرىپتىنمۇ تۈزىلىدۇ:ياغمۇر (يامغۇر)،چامغۇر دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    بەش ھەرىپتىنمۇ تۈزىلىدۇ:قۇرۇغساق(قۇرساق)،قۇزۇرغاق(چاپاننىڭ ئىككى پىشىنىڭ بىرى)دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    ئالتە ھەرىپتىنمۇ تۈزىلىدۇ:كۆمۈلدۈرۈك(كەمەلدۈرۈك)،قوزۇرغۇن (قۇشقۇن)دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    ھەتتا يەتتە ھەرپتىنمۇ تۈزىلىدۇ. لېكىن،ئىسىملارنىڭ يەتتە ھەرىپتىن تۈزۈلگەنلىرى ئاز ئۇچرايدۇ:زارغۇنچىمۇد (رەيھانى چىنى .خۇش پۇراق بىز ئۈسۈملۈك)دېگەنگە ئوخشاش. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا سۆزلەر يەتتە ھەرپلىكتىن ئارتۇق بولمايدۇ».
    خوش،بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇقىرىقى قۇرلىرىنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلساق مۇئەللىپ دەۋاتقان ھەرپلەرنىڭ ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى،ئىككى ھەرىپتىن تۈزىلىدۇ دەپ مىسال سۈپىتىدە بەرگەن «ئات»«ئەر»دىگەن سۆزلەردىن ئۇ دەۋاتقان ئىككى ھەرپنىڭ تەخمىنى ھالدا بىر بوغۇمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى،يەتتە ھەرپكە مىسال قىلىپ بەرگەن«زارغۇنچىمۇد»دىگەن سۆزنىڭ ئۈچ بوغۇمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت بوغۇملۇق سۆزنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. «لېكىن،ئىسىملارنىڭ يەتتە ھەرپتىن تۈزۈلگەنلىرى ئاز ئۇچرايدۇ»دېگەن ھۆكۈمدىن شۇ دەۋىردىكى تۈركىي تىلدىكى بىر ئىسىمىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت بوغۇمدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى كۈرىۋالىمىز ۋە مۇشۇ ئاساستا تۈرك تىللىرىنىڭ ،جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىسىم ياسىغاندا ئىسىملارنىڭ بوغۇم سانىغا نىسبەتەن مەلۇم چەك قويىدىغانلىقىنى بايقايمىز. دىمەك،ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمدىن بويان ئىسىم ياسىغاندا ئىمكانقەدەر ئىخچام ياسىلىدىغان قانۇنىيەت بولغان.تىلىمىز مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە راۋاجلىنىپ ئۆز ئىخچاملىقى،جانلىقلىقىنى،ئىپادىلەش كۈچىنىڭ قۇدرىتىنى ساقلىغان.مەلۇماتلارغا قارىغاندا،بېشبالىقلىق سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ ئەينى دەۋردە خەنزۇچە ئىككى كۇپلېت،سەككىز مىسرالىق شېئىرنى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىغا بىر كۇپلېت،تۆت مىسرالىق قىلىپ تەرجىمە قىلغان .
    بىزگە ئەڭ قەدىمى يادىكارلىق سۈپىتىدە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن يازما ئەدەبىيات نەمۇنىللىرىدىن بىرى بولغان «ئالتۇن يارۇق»،«ئوغۇزنامە»لەرگە نەزەر سالغاندىمۇ تىلىمىزنىڭ شۇ دەۋردە ناھايىتى ئىخچام،مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسىملارنىڭ ئاساسەن ئۈچ-تۆت بوغۇمدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكىنى بايقايمىز. ھەتتا كۆپىنچە سۆزلەملەرنىڭ ئىككى-ئۈچ بوغۇمدىن تۈزۈلگەنلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
    تىلىمىز خېلى مەزگىلگىچە ئۆزىدىكى مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى ساقلىغان. ھەتتا 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىمۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنى ساقلىغان. مەشھۇر ئەدىب نۇرمۇھەممەد ئېركى ئۆزى پارسچىدىن تەرجىمە قىلغان «ئۆمەر ھەييام روبائىيلىرى»دىگەن كىتابىنىڭ كىرىش سۈزىدە «بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەندە تىلىمىزنىڭ بويى شەكەر تىل دەپ نامى بار پارس تىلى بىلەن تەڭلىشەلەرمۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تىلىمىزنىڭ بويىنىڭ پارس تىلى بىلەن تەڭلىشىپلا قالماي ئېشىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم»دەپ يېزىپ نەۋائى ھەزرەتنىڭ تۈرك تىلىنىڭ بويىنىڭ پارس تىلىنىڭ بويىدىن قىلچە قېلىشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئەمەلىي پاكىىت بىلەن ئىسپاتلىغان .
    لېكىن،تىلىمىز20-ئەسىزنىڭ80-يىللىرىدىن باشلاپ پاخاللىشىشقا،بۇزۇلۇشقا يۈزلەندى. چەت ئەل تىلىدىن خەنزۇ تىلى ئارقىلىق كىرگەن نۇرغۇن يىڭى ئاتالغۇلار يا خەنزۇچە،يا ئەسلىدىكى تىل بويىچە سەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ياكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىلىش،سۆزلەش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىندى. تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قويۇلغان تەلەپنىڭ تۈۋەنلىشىشىگە ئەگىشىپ خالىغانچە،ئۇيغۇر تىلىنىڭ يىڭى ئىسىم ياساش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئەبجەش ئىسىملار ياسالدى ياكى قوللىنىلدى. ھەتتا بۇنداق ھالەت يەنە بىر تىلنىڭ جۈملە شەكلىنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىش شەكلىدىمۇ ئىپادىلەندى.ھەتتا بەزى ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئانالىتىك تىللىق ئالاھىدىلىكىگە خىلاپ ھالدا سىنتېتىك ئوسۇلدا ياسالدى. سىنتېتىك ئوسۇلدا يىڭى ئىسىم ياساش مودىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولغان بۇ شالغۇت ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قوللانماي ئەسلىدىكى تىلدىكى ئىسىمىنى قوللاندى.
    مەسىلەن،ئەڭ تىپىك بىر مىسال20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىدا خەنزۇچە شېنفېنجېڭ دىگەن ئىسىم ئۈلۈك ھالدا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دەپ تەرجىمە قىلىندى. تىلىمىزدا بىرىكمىگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن غەيرىي يىڭى ئىسىم پەيدا بولدى. بۇ ئىسىم تىلىمزنىڭ تۈپ سۆزگە قۇشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا سىنتېتىك ئوسۇلدا ياسالدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىەر تەبىئى ھالدا خەنزۇچىسىنى قىسقا قولايلىقكەن دەپ بىۋاستە شېنفېنجېڭ دەپ ئۈچ بوغۇملۇق ھالەتتە قوبۇل قىلدى،بۇ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دىگەن ئىسىم ئۇزاققىچە خەلق ئىچىدە ئومۇملاشمىدى. پەقەت 90-يىللارغا كەلگەندە تۈركلەرنىڭ شېنفېنجىڭ مەنىسىدىكى گەپنى كىملىك دەپ ئالىدىغانلىقىنى بىلىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئورنىغا كىملىكنى ئالماشتۇردۇق. بۇ ئىسىم ئىككى بوغۇمدىن تۈزۈلگەچكە،تىلىمىزنىڭ يىڭى سۆز ياساش قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن بولغاچقا،خەلقىمىز تەرىپىدىن ناھايىتى تىز قوبۇل قىلىندى.لېكىن شېنفېنجىڭ(身份证) بىلەن بىر قاتاردىكى 学生证,准考证,工作证دىگەندەك بىر قاتار«جېڭ»لارنى ھېلىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يۈرىمىز. بۇنداق سۆزلەر ناھايىتى كۆپ،ناھايىتى ئوزۇن،شۇنداقلا پالاكەت.بۇندىن باشقا تېلېۋىزۇرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىنى نىمە دەيمىز،رادىيو ئاڭلىغۇچىنىچۇ؟دىگەن سوئال پەيدا بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىز قازاقلارنىڭ«كىتابخان»دىگەن سۆزنىڭ ئورنىدا قوللىنىۋاتقان«ئوقۇرمەن»دىگەن سۆزنى قوبۇل قىلىپ شۇنىڭغا ماس ھالدا تېلېۋىزور كۆرگۈچىنى «كۆرۈرمەن»دەيدىغان بولدۇق. لېكىن،ھېلىمۇ تېلېۋىزىيە دىكتورلىرىمىز تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەرنى ھۆرمەتلىك تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەر ياكى تېلېۋىزۇر كۆرگۈچى دوستلار دەپ ئالسا،رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى ئاڭلارمەن دىگۈچە رادىيو ئاڭلىغۇچىلار دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.ئۇنىڭغا قارىغاندا كۆرۈرمەن،ئاڭلارمەن دېسە قىسقا،ئوبرازلىق ئاڭلىناتتى.ھۆرمەتلىك تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دىگەن گەپكە قارىغاندا ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن دىسە تېخىمۇ قىسقا،قۇلايلىق بولاتتى.قالغانلارنىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولاتتى.
    بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. بۇنداق قارىماققا ساغلام، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە،لېكىن تىلىمىزنىڭ قانۇنىيتىىگە سالساق تىل ئادىتىمىزگە خىلاپ سۆز-جۈملىلەر تىلىمىزدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىستاتىستىكىچىلار مۇنداق دېيىشىدۇ:1900-يىلىدىن بورۇن بىر ۋاراق خەنزۇچە ھۆججەت ئۇيغۇر تىلىغا بىر ۋاراق ياكى باراۋەر ھالەتتە تەرجىمە قىلىنغان.1950-يىللىرىغا كەلگەندە بىر ۋاراق خەنزۇچە نەرسە بىر يېرىم ۋاراق بولۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. 1990-يىلىلىرىغا كەلگەندە بىر ۋاراق خەنزۇچە يازما ئۇيغۇرچە ئىككى ۋاراق قىلىپ تەرجىمە قىلىنغان. 21-ئەسىرگە ھېساب بۈگۈنكى كۈندە بولسا بىر ۋاراق خەنزۇچە يازمىنىڭ قانچە ۋاراق ئۇيغۇرچە يازما بولۇپ تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقى مەتبۇئات سىستېمىسىدا ئىشلەپ باققان ئۇيغۇرغا سىر بولمىسا كىرەك.
    «دىۋان»نى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسەت ئەجدادلارنىڭ تۆھپىسىدىن پەخىرلىنىش ئۈچۈن بولۇپ قالسا بولمايدۇ. بىز«دىۋان»ھەققىدىكى تەتقىقاتنى بۈگۈنكى كۈندە بىزگە-تىلىمىزغا نان بېرىدىغان ساھەگە يۆتكىشىمىز كىرەك. مانا،«دىۋان»نىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى قائىدە كۆزگە ناھايىتى ئېنىق تاشلىنىپ تورۇپتۇ.  «دىۋان»نى تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرسەك بىز بۈگۈن ئۇنتۇپ كەتكەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى بايقىشىمىز،ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى،بايلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدىغان قانۇنىيەتلەرنى بايقىشىمىز مۇمكىن.
    2005-يىل6-ئاي

    2GCئاقيول تور بىكىتى
    2GCئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز