مەشھۇر پەيلاسوپ ئەپلاتون :« سەمىمىي، ئەمما بىلىمسىز بولۇش ئاجىزلىق، يارىماسلىق، لېكىن بىلىمى بولۇپ، سەمىمىي بولماسلىق ئەڭ خەتەرلىك، قورقۇنۇچلۇق» دېگەنىدى. شۇڭا ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سەمىمىيلىك ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم. ئۇ يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كاتالىزاتور.
ھازىر جەمئىيىتىمىزدە سەمىمىيلىك باغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، سەمىمىيەتسىزلىك جۈملىسىدىن بولغان يالغانچىلىق، ھاياسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق، خۇشامەتگۇيلۇق، ئىرادىسىزلىك، بېخىللىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر خۇددى ئاق كىيىمگە داغ يۇققاندەك بىر قىسىملارنىڭمۇ قەلبىگە ئورناپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئادەت خاراكتېرلىك ئىشقا ئايلىنىپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تاغدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، باشقىلار ئۇنى ئارىغا ئالمايدۇ. باشقىلار ئالدىدا زەررىچىلىك ئىناۋىتىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەر ئادىمىيلىكىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى بولغان سەمىمىيلىكتىن مەھرۇم قالغان، شۇڭا قەدىر-قىممىتىم بولسۇن، ھاياتىم نۇرلانسۇن دېسىڭىز، قەلبىڭىزدىن سەمىمىيلىك ئۆچمىسۇن. كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا سەمىمىي بولۇڭ، كۆز بويامچىلىق، ساختىپەزلىك قىلماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن، ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالىسىز، ئەگەر قەلبىڭىز سەمىمىيلىككە تولسا، باشقىلارمۇ سەمىمىيلىكتىن تەسىرلىنىپ، ھۆرمىتىڭىز، ئىناۋىتىڭىز ئېشىپ، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ گۈزەل، مەنىلىك بولىدۇ.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>