• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇيغۇرلاردا تىل پەرھىزلىرى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     mpxئاقيول تور بىكىتى

    كۆپ يىللىق ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە خەلقىمىزدە ھەر خىل پەرھىز سىستېمىسى شەكىللەنگەن. گەرچە بۇنداق مەدەنىيەت ھادىسىسى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە بۇرۇنلا تەتقىق قىلىنىپ، بىر مۇنچە نەتىجە يارىتىلغان بولسىمۇ، بىزدە بۇ ساھە تېخىچە ئاجىز ھالەتتە. شۇڭا، ئىجتىمائىيىتمىزدە شەكىللەنگەن بىر قىسىم مۇرەككەپ، مەنبەسى ئېنىقسىز پەرھىزلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يازمامدا مەن تىل پەرھىزىمىزدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن: mpxئاقيول تور بىكىتى

    مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە تەبىئىي ياشاش شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا شەكىللەندۈرگەن ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتى باشتىن - ئاخىر مۇئەييەن ئادەتلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكى ۋە چەكلىمىسىدە بولىدۇ. بىر مىللەت ياكى ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئۇلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان خاس ئادەتلىرى گويا ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ھەر قانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تەبىئىي ۋە ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇ ھەر قايسى دەۋردە پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ، ياخشىلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىدۇ.ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تىلنىڭ ئالاھىدە ئىپادىلەش رولىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، قانداق شارائىت-سورۇندا نېمىنى دېيىش - دېمەسلىكتەك، مۇقەددەسلەنگەن ياكى ناپاك دەپ قارالغان شەيئىلەر ياكى ھادىسىلەرنى ئېغىزغا ئالماسلىقتەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. بۇنداق ئادەتلەر كېيىنچە كىشىلەرنى تىل جەھەتتىن چەكلەيدىغان پەرھىزلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلاردىن مەسىلەن: «دېيىشكە بولمايدۇ»، «دېسە ياخشى ئەمەس»، «دېيىش مەنئى قىلىنغان»، «دېمەسلىك كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر تىل پەرھىزلىرىدىندۇر. mpxئاقيول تور بىكىتى

    1. ئۆلۈم - يېتىملاردا دىققەت قىلىنىدىغانلىرى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىنلا ئۆلۇم - يېتىمگە ئائىت تىل پەرھىزلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىنى «ئۆلدى» دېيىش چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، «كۆلتېگىن قوي يىلىنىڭ 13- كۈنى ئۆچتى». بۇ جۈملىدىكى «ئۆچتى» سۆزى «ئۆلدى» مەنىسىدە بولۇپ، بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېيىشتىن پەرھىز تۇتۇلغان. بۇ ئادەت دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، بىرەرسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن ئادەمنى بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېمەي، «بولالماپتۇ»، «ساقىيالماپتۇ»، «ۋاپات بوپتۇ»، «ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ»، «قازا قىپتۇ»، «تۈگەپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئۆينىڭ چوڭلىرى قازا قىلسا «ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈپتۇ»، بوۋاقلار قازا قىلسا «چاچراپ كېتىپتۇ»، «چەتنەپ قاپتۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ. mpxئاقيول تور بىكىتى

    ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئاتىغاندا، بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاشمۇ مۇسىبەت مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ بولۇپ، ھاياتتىن كۆز يۇمغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەرھۇم»، «مەرھۇمە»، «رەھمەتلىك» سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇندۇر. mpxئاقيول تور بىكىتى

    2. ئەدەپ - ئەخلاققا دائىر پەرھىزلەر. تىل - نۇتقىمىزدا خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ - ئەخلاقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاجىز، مېيىپ، ئاغرىقلارنى ئاسراش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى. بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمى، لەقىمىنى بىۋاسىتە ئاتاش، مېيىپلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ھەرقانداق شارائىتتا تىلغا ئېلىش، باشقىلارنى كەمسىتىدىغان لەقەم بىلەن ئاتاش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا ئىسمىنىڭ كەينىگە «ئاكا، ئاچا، ھەدە، تاغا، ھامما، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، موما، بوۋا» دېگەندەك ھۆرمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئادەتكە ئايلانغان. mpxئاقيول تور بىكىتى

    3. نىكاھ ۋە تۇغۇتقا دائىر پەرھىزلەر. خەلقىمىزدە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ قانداقتۇر يىگىتلەرنى «خوتۇنسىراپ قاپتۇ»، قىزلارنى «ئەرسىرەپ قاپتۇ» دېگەندەك قوپال سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇلاققا يېقىشلىق، بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۈزىنى قىزارتمايدىغان سۆزلەر بىلەن، يەنى قىزلارنى «بويىغا يەتتى، چوڭ بولۇپ قالدى»، يىگىتلەرنى «بۇرۇتى خەت تارتىپ قالدى»، «ياتلىق قىلىش»، «تالالىق قىلىش»، «قىز چىقىرىش»، «ئۆي - ئوچاقلىق قىلىش»، «بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش»، «بېشىنى قوشۇپ قويۇش»، «ئۆيلەپ قويۇش» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا تۇغۇتقا ئائىت تىل پەرھىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئاياللارنىڭ بويىدا قالسا «قورسىقىدا بالىسى بار» دېيىش پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، «ھامىلىدار»، «ئىككى قات»، «ئېغىر بوي»، «ئېغىر ئاياغ»، «بويىدا بار» سۆزلىرى بىلەن ئاتايدۇ. ئاياللار تۇغقاندا «تۇغدى» دېيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان بولۇپ، ئاياللار تۇغقاندا «يەڭگىدى»، «بوشاندى»، «يېنىكلىۋالدى»،«كۆزى يورۇدى» سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. تىلىمىزدا يەنە قارغىش تۈسىنى ئالغان سۆز - ئىبارىلەرنى دىيىشمۇ پەرھىز قىلىنغان، يەنى «ئۆلۈم كەلمىگەن»، «ئۆلمىگۈر»، «تۇزكور»، «تۇز ئۇرسۇن»، «نانكور»، «بېشىنى يەيدىغان»، «چاقماق ئۇرسۇن»، «لەنىتى»، «دوزىخىي»، «سېسىپ ئۆلگۈر» قاتارلىق قارغىش سۆزلىرىنى خالىغانچە دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا قارغىش تۇتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. mpxئاقيول تور بىكىتى

    تىل پەرھىزلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرىپىدە ئۇچرايدىغان، تىل تەركىبلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى، لەقىمىنى، ئەيىبىنى بىۋاسىتە دېيىش، شۇ كىشىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە شۇ كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارالسا، مېيىپ، ئاجىز، مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ مېيىپلىقىنى ئەينەن ئاتاپ، دورىسا، كەمسىتسە بالىسى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، قارغىش سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى قارغىسا، قارغىش ئۆزىگە يانىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. mpxئاقيول تور بىكىتى

    تىل پەرھىزلىرى بىرىنچى، تىلنىڭ رەڭدارلىقىنى ۋە سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، سۆز ئەينەن ئېيتىلماي، سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ياكى ئەگىتىپ ئېيتىلىسا، باشقىلارنى بىئارام قىلىشتىن، خاپا قىلىشتىن ۋە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، تىل دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ تۆتىنچى، تىل پەرھىزلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمىيلىككە، مۇرەككەپلىككە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىققا ئىگە بولىدۇ؛ بەشىنچى، پەرھىز قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئالتىنچى، بىر قىسىم تىل پەرھىزلىرى بىزنى بىمەنىلىك، بىئەدەپلىكتىن چەكلەيدۇ. شۇڭا، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش بايلىقىدىن ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن. mpxئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ماقالىلەر
    • زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
    • زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
    • بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مېھرىبانلىقنىڭ،پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى،ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ھەم جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى،ئانا سۈپىتىدە ئىنسانئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپىرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر. تەھقىقكى،پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئ