خۇدابەردى ئابدۇللا
بىر ئىشنى باشلاش قىيىن. بىز بىرەر ئىش قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكسەك، ئالدى بىلەن تەييارلىقنى ئوبدان قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا تۇتۇش قىلىمىز. ئىشنىڭ نامى دۇرۇس، باشلىنىشى ياخشى، قەدەم پۇختا بولسا، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، قەلەم ساھىبىلىرى ماتېرىيال توپلاپ، تېما بەلگىلەپ يېزىشقا تۇتۇش قىلىپ، قەلبىدىكى مەۋھۇم نەرسىنى ئاق قەغەزگە چۈشۈرۈشكە تەرەددۇت قىلغاندا ئۇنىڭ ماۋزۇسىنى قويۇشقا دۇچ كېلىدۇ. پىشقان قەلەم ئىگىلىرى بىرەر ۋەقە – ھادىسە ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىشنى نىشان قىلغاندا ئۇنىڭ ماۋزۇسىنىمۇ ئويلاپ، ئۇنى قەلبىدىكى قايناق ھېسسىيات، جۇشقۇن تۇيغۇ بىلەن پەرۋىش قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئادەمگە ياخشى ئىسىم قويۇش قانداق مۇھىم بولسا، ئىجادىي ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇشمۇ شۇنچە مۇھىم. مەسئۇلىيەتچان، ئۆز ئەمگىكىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى چۈشىنىدىغان قەلەمكەش بۇ جەھەتكە ئەسلا سەل قارىمايدۇ. مەن بىر رەسسامنىڭ مۇنداق گېپىنى ئاڭلىغان: «رەسسام، ھەيكەلتىراش ئادەمنىڭ سۈرىتىنى سىزغاندا، ھەيكىلىنى تاراشلىغاندا كۆزىنى ئوخشىتىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ كۆزىلا ئوخشىسا، ئىشنىڭ يېرىمى پۈتكەن بولىدۇ.» مېنىڭچە بۇ ئوخشىتىشنى ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ كۆزى ئۇنىڭ ماۋزۇسى. بىز بىر كىم بىلەن ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قارايمىز، شۇنىڭغا ئوخشاش، بىرەر گېزىت – ژۇرنال قولىمىزغا چۈشسە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىكى ئەسەرلەرنىڭ سەرلەۋھىسىگە؛ ھېكايە، رومان قولىمىزغا چۈشسە، ئۇنىڭ ماۋزۇسىغا كۆز يۈگۈرتىمىز. ماۋزۇ پۈتۈن ئەسەرنىڭ جەۋھىرى. ماۋزۇ ياخشى قويۇلسىلا، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى، خېرىدارى كۆپ بولىدۇ. ئەدەبىيات تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان ئەدىبلەر ماۋزۇ قويۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئېلىمىز مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى لۇشۈننى ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇشنىڭ پېشۋاسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قويۇلغان «چۇقان»، «تېڭىرقاش»، «ئىسسىق شامال»، «قەبرە»، «ئالا كۆڭۈل»، «دورا»، «چىلتەكلىك ئەدەبىيات» قاتارلىق ماۋزۇلار بىر قاراشتىلا دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ماۋزۇلار ئالتۇن ئۈزۈككە ئالماس كۆز قويغاندەك ئەسەرگە ماس كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن لۇشۈننىڭ ئوبرازى، روھىي ھالىتى، تەشەببۇسىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەدەبىياتىمىزدىمۇ ياخشى، جەلپكار ماۋزۇ قويۇلغان رومان، ھېكايە، شېئىر، داستانلار كۆپ. «يىللارغا جاۋاب»، «توزىماس چېچەكلەر»، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت»، «چېنىقىش»، «تۈگىمەس ناخشا»، «مەن – ئادەم»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» دېگەن ماۋزۇلار سۆزۈمنىڭ دەلىلى. ھازىر گېزىت، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بەزى ئەسەرلەرگە قويۇلغان ماۋزۇلارغا قارىساق كۆڭلىمىز غەش بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇلىرى ئىجادىي، يېڭى، جەلپكار ئەمەس. بەزىلىرىنىڭ ماۋزۇلىرى زىيادە چوڭ، بەزىلىرى تەكرار ، خاسلىققا ئىگە ئەمەس.
ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇش ئاسان ئەمەس. چۈنكى، ئۇنىڭ قامۇس قوللانمىسى يوق. ئەسەرگە ماۋزۇ قويۇش ئۈچۈن ئاپتور ئۆزى يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى، خاھىشى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشى، تەپەككۇر قىلىشى، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى، ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئەسەر يېڭى، ئىجادىي بولغىنىدەك، ماۋزۇمۇ يېڭى، ئىجادىي بولۇشى، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالماسلىقى لازىم. ئوخشاتمايمەن دەپ غەلىتە قىلىپ قويماسلىق، ئەسەرنىڭ مەزمۇن، ماھىيىتىنى خۇددى تامچە سۇ قۇياشنى ئەكس ئەتتۈرگەندەك ئەكس ئەتتۈرۈش، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى، ئاپتورنىڭ ئىدىيە خاھىشىنى بىلىۋېلىش، ھەتتا ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ كىملىكىنى مۆلچەرلەش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلاشقا تىرىشىش كېرەك.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>