• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • «ئەدەبىيات گۈلزارى» دىكى ئۆزگىچىلىكلەر

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     vQeئاقيول تور بىكىتى

    روزى سوپى ئۇچتېكىن vQeئاقيول تور بىكىتى

    «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتى ئەدەبىيات – سەنئەتكە ئاشىق ھاياتىمدىكى يېقىن سىردىشىم ۋە مەۋجۇدلۇقىمنى نامايان قىلىشتىكى مەنىۋى زېمىنىم. بۇ بەتتە ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر چاڭقىغان دىلىمغا پۈتمەس – تۈگىمەس روھىي ئوزۇق بەرسە، ھەر ساندىكى تاتلىق، دەل ۋە جانلىق ئىپادىلەنگەن ئىككى مىسرا شېئىر بىلەن بىللە بېرىلگەن فوتو سۈرەتلەر ھاردۇقۇمنى چىقىرىدۇ. vQeئاقيول تور بىكىتى

    ئالايلۇق، 2010 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردىكى فوتوسۈرەت ئاستىغا بېرىلگەن: «سەھرا، سەھرا گۈزەللىك سەندە، ھۆسنىڭ ئۈچۈن رەڭلەر پەيۋەندە»؛ 2011 – يىلى 3 – ئىيۇلدىكى فوتوسۈرەت ئاستىغا بېرىلگەن: «گۈل دەيدۇ ئەجىرنى ئاقلىماق پەرزىم، ئېھ، شۇڭا رەڭ بەرگەن تۇپراققا تەزىم»؛ 24 – ئىيۇلدىكى فوتوسۈرەت ئاستىغا بېرىلگەن: «ئىشتىن يېنىپ، كۆڭۈل تارتىپ ئىزدىشىمىز كەچقۇرۇن، دەريا بويى سالقىن ئەجەب، سىردىشىمىز كەچقۇرۇن» قاتارلىق مىسرالار بىزگە ئۆزگىچە كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تارتىلغان فوتوسۈرەتلەردىن كەلگەن ئېستېتىك ھۇزۇرنى نەچچە قاتلاپ بېرىدۇ. بۇ مىسرالار ئاشۇ فوتو سۈرەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىخچام ئىبارىلەر ئارقىلىق تولىمۇ جانلىق ۋە جەلپ قىلارلىق ئىپادىلەپ بەرگەچكە، ئوقۇرمەننىڭ ئېسىدە ئاسان قالىدۇ . vQeئاقيول تور بىكىتى

    مېنىڭچە، بۇ شېئىرلارنى «ئەدەبىيات گۈلزارى»مىزغا يېڭىدىن قوشۇلغان ۋە ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرغان خۇش پۇراق گۈللەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇ شېئىرلار تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ:
    بىرىنچىدىن، بۇ شېئىرلار شائىردىن ھازىر جاۋابلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شائىر فوتو سۈرەتنى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، شۇ فوتو سۈرەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە دەل كېلىدىغان مىسرالارنى چاقماق تېزلىكىدە قەغەز يۈزىگە قوندۇرۇپ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ شېئىرلار ئۇزۇن شېئىرلارنىڭ قىسقارتىلغان ياكى پىرېسلانغان شەكلىمۇ ئەمەس. ئەمما، ئۇلاردىن ئۇزۇن شېئىرلارغا ئوخشاش چوڭقۇر پىكىر ۋە چىن ھېسسىيات تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ پىشقان بەدىئىي ماھارىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    vQeئاقيول تور بىكىتى

    بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئاستىدىكى ئىككى مىسرا شېئىرنىڭ ئاپتورى فوتوگراف بولماستىن، بەلكى نامسىز قەھرىمان مۇھەررىردۇر. ئۇلار ئالاھىدە كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە پىشقان ئىپادىلەش ماھارىتىگە تايىنىپ شېئىر بىلەن سۈرەتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان. مېنىڭچە، مۇھەررىرلەرنىڭ خالىس مېھنىتى بەدىلىگە باشقىلارنى چاقنىتىشتەك روھى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. vQeئاقيول تور بىكىتى

    «ئەدەبىيات گۈلزارى»دىكى يەنە بىر يېڭىلىق بولغان «شېئىر ۋە سۈرەت»كە كەلسەك، بۇ سەھىپىگە بېرىلگەن قوشماق ئەسەرلەر بىر – بىرىنى ئىزاھلاپ، تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ تۇرغانلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، 2011 – يىلى 4 – سىنتەبىردىكى سانىنىڭ «شېئىر ۋە سۈرەت» سەھىپىسىگە بېرىلىگەن «قاپاق كۆتۈرگەن قىز» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: روزى سوپى ئۇچتېكىن، فوتوگراف: ئابدۇۋاھىت خۇدابەردى مۆلجەرى)؛ 2011 – يىلى 4 – دېكابىردىكى سانىنىڭ «شېئىر ۋە سۈرەت» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «مۇھەببەتسىز ياشىماق قىيىن» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىن، فوتوگراف: نىجات سابىت) بىلەن «گۈزەللەر» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: ئابدۇكېرىم مەخسۇت (بۇلبۇل)، فوتوگراف: ئاۋۇت بارات)؛ 2012 – يىلى 22 – يانۋاردىكى «شېئىر ۋە سۈرەت» سەھىپىسىگە بېرىلىگەن «يول ياساپ» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل، فوتوگراف: ھۈسەنجان قاسىم) لەر بىزگە شېئىر بىلەن رەسىم (سۈرەت) نىڭ ئايرىلماس گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. vQeئاقيول تور بىكىتى

    «ئەدەبىيات گۈلزارى»نى ئۆزگىچە ھۆسنى ۋە خۇش پۇرىقى بىلەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق گۈلزارلىققا ئايلاندۇرغان ساپ شېئىرىيەت سەھىپىسىدىكى يېڭىلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتسەك، مېنىڭچە، بۇلارنى «سەھىپە سەرخىللىقى» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىساق مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىدىكى شېئىرلارنىڭ سەھىپىسى ھەر ساندا دېگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. «تەۋەررۈك قۇرلار» سەھىپىسىدە خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، قەلىمى پىشقان شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرى؛ «ياش قەلەم» سەھىپىسىدە شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا باي شېئىرلىرى؛ «يېڭى يۇلتۇز» سەھىپىسىدە يېڭىدىن تونۇلۇۋاتقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى؛ «ئەتىرگۈل» سەھىپىسىدە شائىرەلەرنىڭ قىزلىق نازاكەت، ئاياللىق سالاھىيەت، ئانىلىق سالاپەت ئۇرغۇپ تۇرغان شېئىرلىرى؛ «بالىلار ئۈچۈن» سەھىپىسىدە بالىلار شائىرلىرىنىڭ يەڭگىل، يېقىملىق شېئىرلىرى؛ «ئىستۇدېنتلار سەھنىسى»دە يېڭى كۈچلەرنىڭ ياشلىقتىكى جۇشقۇن ھېسلارغا باي شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ، ھەر ياش، ھەر ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى قاندۇرۇلۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ «گۈللەر سۆزلىتىدۇ»، «تېما ئوخشاش، كۆزىتىش ئوخشىماس» دېگەن سەھىپىلەردىكى بىر تۈركۈم شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەس – مۇنازىرە قىلىشىدىغان، پىكىر – ئالماشتۇرىدىغان، ئاپتورلارنى ئەدەبىي تەربىيەلىنىش جەھەتتىن يېتەكلەيدىغان كوزىر سەھىپىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. vQeئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ماقالىلەر
    • زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
    • زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
    • بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مېھرىبانلىقنىڭ،پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى،ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ھەم جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى،ئانا سۈپىتىدە ئىنسانئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپىرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر. تەھقىقكى،پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئ