• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەدەبىياتتا شەكىل بىلەن مەزمۇن

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     2MJئاقيول تور بىكىتى

    ھۈسەنجان نامان2MJئاقيول تور بىكىتى

     2MJئاقيول تور بىكىتى

    ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتى — دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بىر ئەدەبىي ئېقىم. جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېڭى بىر گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باش كۆتۈرگەن «گۇڭگا شېئىرىيەت» ھادىسىسى بىلەن يېڭىچە شېئىر شەكىل قۇرۇلمىسى ھادىسىسى مانا مۇشۇ خىل گۈللىنىشنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئۆزگىچە رەڭ ۋە ھۆسىن قوشتى.2MJئاقيول تور بىكىتى

    ئادەتتە بىر خىل مەزمۇننى ھەر خىل شەكىل بىلەن ياكى ھەر خىل شەكىل بىلەن بىر خىل مەزمۇننى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەزمۇن بىلەن شەكىل ھەم يەككىلىككە ھەم بىر-بىرىگە بېقىندى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ سىڭىشىشى، ئۆزگىرىشى ئەسەرنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەر بەدئىيلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكى بەدىئىي ئوبرازدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ. ئوبرازنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلى بولىدۇ. يازغۇچى بىر پۈتۈن بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ يىغىندىسى ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوبرازنى پەقەت مەزمۇن ياكى پەقەت شەكىل دېيىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ماھىيەت جەھەتتە ئىككى نەرسە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەردە كونكرېت ئوبرازدا مۇئەييەن ھالدا بىرلىشىدۇ. بەدىئىي ئوبرازدىن ئايرىلغان ھالدا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىنى ئىگىلەش تەس. بۇ ھەقتە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى يالغۇز ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ شەكلىگىمۇ قارىتىلغان. ئەدەبىياتنىڭ شەكلى مەزمۇنغا خىزمەت قىلىدۇ. مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئىچكى-تاشقى ماددا، ئاڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇنداقلا شائىرنىڭ ھېسسىياتنىڭ پارتلاش جەريانىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مەزمۇن بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىگە خاس شەكىلنى تەبىئىيلا يارىتىدۇ. مەسلەن، شائىر گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىگە قاراپ بىردىنلا ئىلھامى قوزغىلىپ قولىغا قەلەم ئالغاندا، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئەڭ ئاۋۋال ئەكس ئېتىدىغىنى شېئىرىي پىكىردىكى يالقۇندۇر. ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ئىلھام مەزمۇن بىلەن شەكىلنى بىر-بىرىگە مەھكەم جىپسلاشتۇرىدۇ. ئومۇمەن ئاۋۋال شەكىلنى تۇرغۇزۇۋېلىپ، ئاندىن مەزمۇننى يازىدىغانلار بولمىسا كېرەك.2MJئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ماقالىلەر
    • زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
    • زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
    • بىر ئايال ئاياللىق سۈپىتىدە جىمىكى مېھرىبانلىقنىڭ،پاكلىقنىڭ مۇجەسسىمى،ئىنسان سۈپىتىدە ھاياتلىق ئالىمىدىكى نەپىسلىك ھەم جىلۋىدارلىقنىڭ سىمۋولى،ئانا سۈپىتىدە ئىنسانئەۋلادىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئاپىرىدىگاھى ۋە پەرۋىشكارىدۇر. تەھقىقكى،پەزىلەتلىك قىزلاردىن پەزىلەتلىك ئ