ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان بىر جۇڭگولۇق ئايال يازغۇچى نيۇ-يورك كوچىسىدا بىر گۈل ساتقۇچى موماينى ئۇچرىتىپتۇ.بۇ موماينىڭ كىيىملىرى كونا، تۇرقىمۇ ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، بىراق چىرايىدىن شۇنچىلىك جەزبىدارلىق ۋە خۇشاللىق تەپچىپ تۇراتتى. ئايال يازغۇچى بىر تال گۈل تاللاپتۇ:
ـــ قارىماققا ناھايىتى خۇشال كۆرۈنىسىزغۇ!
ـــ نېمىشقا خۇشال بولمىغۇدەكمەن؟ ھەممە نەرسە شۇنچىلىك گۈزەل تۇرسا!
ـــ تۇرمۇش دىشۋارچىلىقلىرىغا نىسبەتەن شۇنچىلىك ئوچۇق-يورۇق مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، ـــ دەپتۇ ئايال يازغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا.
موماي ئايال يازغۇچىنىڭ سۆزىدىن قاتتىق ھەيران قاپتۇ:
ـــ ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا پۈتۈن ئالەم-جاھان بىر كۈن مۇسىبەتكە چۆمگەن. بىراق، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قايتا تىرىلگەنىدى. شۇڭا، مەن ھەر قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساممۇ پەقەت ئۈچ كۈنلا ساقلايمەن.
ئۈچ كۈن ساقلاش! نېمىدېگەن ئادەتتىكىچە ھەم پەلسەپىگە تويۇنغان ياشاش ئۇسۇلى-ھە! ئۇ غەم-قايغۇ ۋە ئازابقا دۇچار بولغىنىمىزدا كىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇشاللىققا ئېرىشىشكە يېتەكلەيدۇ!
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
ئەرلەر دەستۇرى
قىزلار ئالما ئەمەس، بىر چىشلەپ تاشلايدىغان
ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئاياللارغا قاراشقا ئامراق
تۇرمۇش ۋە ئايال
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ
ئەركەكلىكىنىڭ ئۆلچىمى
تۇغۇلغان كۈن - ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىدۇر
ياخشى ئايال ـــ تالانتلىق ئۇستاز
بەختىڭىزنى تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ
قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيەلىك بولۇشىغا سەل قارىماڭ
