• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن:15- مارت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-06 23:56:31
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىدىن چېكىنىپ چىققان. ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ كاتتىبېشى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېرقىي كەمسىتىش سىياسىتىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باش مىنىستىرى ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى بېكىتكەن ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلارنى ئەيىپلىگەن.    1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەركەزنىڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان. ماۋز ېدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كوممۇنا خىزمىتى مىزانى»نى مۇزاكىرە قىلىپ قاراپ چىققان. يىغىندا خەلق كوممۇناسىدىكى مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلىش مۇزاكىرە قىلىنغان.    1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان. بۇ ئاكادېمىيە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي ئىشلار ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار پەن تەتقىقات مەركىزى.    1956-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتلىك ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش جەمئىيىتى قۇرۇلغان. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى. قاراردا: ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئېلىمىز مەدەنىيىتىدىكى بىر مەيدان زور ئىنقىلاب. دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ كۆرسىتىلدى.    1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چېخ ئىشغال قىلىنغان، ناتسېستلار پراگانى ئىگىلىۋالغان. 18 سائەت ئىچىدىلا گېتلىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن پايتەخت پراگاغا كېلىپ بولغان. بۇ دۆلەت نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەممىسى گېتلىرگە بوي سۇناتتى.    1493-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كولومبۇ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىن ئايرىلىپ، ئىسپانىيەگە قايتىپ كەلگەن. 1486-يىلى كولومبۇ يەر شارىنىڭ يۇمىلاق نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاتلانتىك ئوكياندىن سەپەرگە چىققاندا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستانغا كەلگىلى بولىدۇ دېدى، 1492-يىلى 4-ئايدا ئۇ يولغا چىقتى. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى كولومبۇ يولغا چىقىپ، 69 كۈنلۈك دېڭىز سەپىرى ئارقىلىق پاناما تاقىم ئاراللىرىغا كەلدى، ئۇ بۇ يەرنى ھىندىستان، ئاھالىلىرىنى ھىندىستانلىق دەپ قالغان، ئاندىن كۇبا ۋە ھايتىغا بارغان. 1493-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كولومبۇ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىن ئايرىلىپ، ئىسپانىيەگە قايتىپ كەلگەن.    بۈگۈن خەلقئارا ئىستىمالچىلار مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى.بۇ كۈن 1983-يىلى خەلقئارا ئىستىمالچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.مەقسەت:ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، دۇنيا مىقياسىدا بۇ ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىش، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئارىسىدىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش.oEiئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز