1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نەننىڭ-كۇنمىڭ تۆمۈر يولى پۈتۈنلەي ياتقۇزۇلۇپ بولغان، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 898 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسرائىلىيەدە يەھۇدىيلارنىڭ تۇرالغۇسى مەجبۇرىي سېلىنغان. ئىسرائىلىيە كابېنتى شەرقىي ئېرۇسالىمدا يەھۇدىيلارنىڭ تۇرالغۇسىنى سېلىش پىلانىنى تەستىقلىغان. بۇ پەلەستىن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 13-مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، 18-مارت يەھۇدىيلارنىڭ تۇرالغۇ جايىنى سېلىشقا باشلىدى. 1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گوۋۇيۈەن «دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، 140 شەھەر، ناھىيە، جۈملىدىن خاڭجۇ، نەنجىڭ، شېنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە مەركىزىي شەھىرىنى دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش قارار قىلىنغان. 1965-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم كېمىسىنىڭ سىرتىدا ساياھەت قىلىشقا باشلىغان. سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى تاماشىبىنلار بۇ كۆرۈنۈشنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەن. 1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى ئاددىي پۇقرا سوتقا ئەرز قىلغاندا ھەقسىز ئادۋۇكات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ بەلگىلىمە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1942-يىلىدىكى قارارى يەنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدا بولغاندا ئاندىن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلسا بولىدۇ دېگەن قارارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن ئالجىرىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان.
1926-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 18-مارت پاجىئەسى يۈز بەرگەن. جاھانگىرلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى لى داجاۋ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى شىمال رايونلۇق كومىتېتى ۋە گومىنداڭ بېيجىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 18-مارت تيەنئەنمىن مەيدانىدا جاھانگىرلىككە قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشتىن كېيىن، نەچچە مىڭ كىشىلىك مۇراجىئەت ئۆمىكى دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتى ئالدىغا بارغاندا، قوغدىنىش قىسمى ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، 47 ئادەمنى ئېتىۋېتىپ، 199 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپ، 18-مارت پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان. 1921-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى تۇغۇت چەكلەش دوختۇرخانىسى لوندۇندا تىجارەت باشلىغان. دوختۇر ماررى لوندۇندا بۇ خىل دوختۇرخانىنى ئېچىپ، دىنىي زاتلارنىڭ ۋە نۇرغۇن دوختۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى ــ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۇغى
قان مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسمەكتە
يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا قايتتى
ئاۋۇت پالاكەت 3-بۈلۈمى پات ئارىدا سۆرەتكە ئىلىنىشقا باشلىنىدۇ
يېڭى تارىخىي باش پەللە(رەسىملىك)
يېڭى تارىخىي باش پەللە
چوڭ تىپتىكى تور تاشقى تەشۋىقات پائالىيىتى «شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى
ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور مەبلەغ كەتكەن ناخشا
شىۋېتسىيەلىك ئالاھىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچى ئۇچقاندەك كەلگەن لامبورجىنى ئاپتوموبىلىدىن ئاتلاپ ئۆتتى
91 ياشلىق مۇلازىمەتچى