• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • تارىختىكى بۈگۈن:22-مارت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-06 23:56:28
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
        بۈگۈن دۇنيا سۇ كۈنى. 47-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 193-نومۇرلۇق قارارىدا مۇنداق دېيىلگەن: نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە سۇ كەمچىل بولدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يىغىن 1993-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلنىڭ 22-مارتىنى «دۇنيا سۇ كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.Vp2ئاقيول تور بىكىتى

        1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ AVON شىركىتى جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان شاخلىتىپ سېتىش دۇكىنىنى قۇرغان. بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا قۇرۇلغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان شاخلىتىپ سېتىش دۇكىنى.Vp2ئاقيول تور بىكىتى

        1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز نامبىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تۈزگەن. نامبىيە ئافرىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكە دۆلەت بولۇپ، 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇستەقىل بولۇشى-1915-يىلىدىن باشلاپ مۇستەملىكە بولغانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. نامبىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 160 ئەزاسى بولۇپ قالدى.Vp2ئاقيول تور بىكىتى

        1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ساھىلىدە ئېغىر نېفىتتىن بۇلغىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ ماي پاراخوتى قىيا تاشقا ئۇرۇلۇپ تېشىلىپ كەتكەنلىكتىن، كۆپ مىقداردا نېفىت ئېقىپ كەتكەن، 100 ئېنگلىز مىلىلىق دېڭىز رايونى بۇلغانغان، دېڭىز ھايۋاناتلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان.Vp2ئاقيول تور بىكىتى

        1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ئەنشەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سانائەت سېپىدە تېخنىكا ئىسلاھاتى ۋە تېخنىكا ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتى»نى تەستىقلىغان. دوكلاتتا تېخنىكا ئىسلاھاتى ۋە تېخنىكا ئىنقىلابىي ئېلىپ بېرىش تەجرىبىسى يەكۈنلەنگەن. ماۋ زېدۇڭ مەركەزگە ۋاكالىتەن تەستىق سېلىپ، ئەنشەننىڭ تەجرىبىسىنى سانائەت سېپىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.Vp2ئاقيول تور بىكىتى

        1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. مىسىر، ئىراق، ئىئوردانىيە، لىۋان، سەئۇدىي ئەرەبىستان، سۈرىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.Vp2ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز