مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
مىزاجدىكى پەرقلەر سەۋەبلىك كىشىلەر ئوخشاش بېسىمغا دۇچ كەلگەندە كۆپۈنچە سەپرا، سەۋدا تېپىدىكى قۇرۇق (سەزگۈر) مىزاجلىقلار روھىي جەھەتتە ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، لىكىن بەلغەم، قان تېپىدىكى ھۆل (بىغەم) مىزاجلىقلار بولسا ھېچقانچە بېسىم ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ. بېسىم تۇيۇلۇش ياكى تۇيۇلماسلىقى ۋە قانچىلىك ئېغىر بېسىم بولۇش ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. بېسىم قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن، ئاسان بېسىم تۇيغۇسى پەيدا بولىدىغان سەپرا، سەۋدا تېپىدىكى قۇرۇق مىزاجلىقلارنىڭ قان بېسىمى ئاسان ئۆرلەيدۇ.
ئاسان بېسىم تۇيغۇسى پەيدا بولىدىغان ئادەم مىجەز جەھەتتە بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ سەۋدا تېپىدىكىلەر ئاساسلىقى سەزگۈر، ئىشلارنى بەك چۇڭقۇر ئويلايدىغان، ئەستايدىل، ئۇيقۇسى ئاز، ئاسان تىت-تىت بولىدىغان، ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان، ئىچىدىكىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمايدىغان ئىچ مىجەز كىلىدۇ. سەپرا تېپىدىكىلەر ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى زىيادە، غورۇر تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، مەسئۇلىيەتچان ، رىقابەت تۇيغۇسى كۈچلۈك دېگەندەك سۈپەتلەرگە ئىگە. مەيلى سەپرا ياكى سەۋدا تېپىدىكىلەر بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئورتاق تەرىپى ئاسان بېسىم تۇيغۇسى پەيدا بولىدىغانلاردۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ھۆل (بىغەم) مىزاجلىقلار بىپەرۋا، «ئاسمان ئۆرىلىپ كەتسە ئاستىدا مانتا يەيدىغان» دەرىجىدە بىغەم بولىدىغان بولغاچقا بېسىم تۇيغۇسى خىلىلا تۆۋەن. شۇڭا تېببى ساھەدىكىلەر، پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە سەزگۈر تىپتىكىلەرنىڭ بىغەم تىپتىكىلەرگە قارىغاندا ئۇزاق ۋاقىت قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبلىك تاجىسىمان ئارتېريەلىك يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدىكەن.
ئۆزىنى سەزگۈر تېپتىكى قۇرۇق مىزاجغا تەۋە دەپ قارايدىغان كىشىلەر روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەش ئارقىلىق بېسىم تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىشى، زىيادە جىددىيچىلىك، چارچىتىدىغان خىزمەت قىلىدىغانلار ئۆزىگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆزىنى يەڭگىل، ئازادە تۇتۇپ بىغەمرەك بولىۋالغىنى تۈزۈك. قەھۋە، قېنىق چايمۇ تەشۋىشلىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل مىزاجدىكىلەرگە بەك يىقىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر قان بېسىم ئۆرلىۋالغان ئەھۋاللار بولسا بۇلارنى ئىچمىگەن تۈزۈك.