تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى، «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ باشبەت ماقالىسى « Toyotaنىڭ 4-ئايلىق ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان»، ماقالىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:Toyotaئاپتوموبىل شىركىتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ 4-ئايلىق ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئېشىپ، 178044 گە يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىل سېتىش تورى Edmunds.comنىڭ بۇندىن بۇرۇن مۆلچەرلىگەن %9.6 دىن ئېشىپ كەتكەن، دېگەن. ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە بولسا Toyotaئاپتوموبىللىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 159540 غا يەتكەن بولۇپ 4-ئايدا ئامېرىكىدا سېتىلغان ئاپتوموبىللىرىنىڭ مىقدارى 3-ئايدىكى 203282 دىن %12 تۆۋەنلىگەن.ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Edmunds.comتورى Toyotaشىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى 4-ئايلىق ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئاشىدۇ، لېكىن 3-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %16 تۆۋەنلەيدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن.تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زاپچاس بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشى ياپونىيىدىكى ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، سەۋەبى تايلاندتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشى بىلەن تەڭ، ياپونىيە ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ 2011-يىلى 3-ئايدا ياپونىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەمدىكى يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئېلىپ كەلگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا تىرىشقان، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىققان. لېكىن، Toyotaئاپتوموبىل شىركىتىدە ئەسلىگە قايتىش كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بۇيان، مەزكۇر شىركەت سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئېشىپ ماڭغانلىقىنى دوكلات قىلىپ كەلگەن.Toyotaئاپتوموبىل شىركىتى ئالدىنقى ئايدا، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل ياساش سىستېمىسىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەش قەدىمىنى تېزلىتىش، تەننەرخ تېجەش ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号