شىنخۇا تورىنىڭ باھار ئېيىنىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسى 2-چېسلا ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان، يەنى «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلىدە (ئۈمىد ئېيىنىڭ 29-كۈنىدىن باھار ئېيىنىڭ 1-كۈنىگىچە)، بانكىلار بىرلەشمە كارتىسىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى بانكا ھالقىغان سودا سوممىسى 145 مىليارد 40 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، 2011-يىلى «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %29 ئاشقان، چېگرا سىرتىدىكى سودا سوممىسى بولسا ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان.بۇ يىلى «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلى بىلەن ھەپتە ئاخىرى بىللە كېلىپ قالغانلىقىدىن، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر چەتئەللەرگە چېقىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىغان. ياپونىيە، كورىيە، تايلاند، مالايشىيا، سىنگاپور، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن قاتارلىق يىغىن ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار ئالدىن تاللىنىدىغان ساياھەت نىشانى بولۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بانكىلار بىرلەشمە كارتىسىنىڭ سودا سوممىسى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن قاتارلىق رايونلار شۇنداقلا كورىيىدىكى سودا سوممىسى ئومۇمەن 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قەدەر يىراق بولغان دۆلەتلەردىكى سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاساسەن 1 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلىدىكى بانكىلار بىرلەشمە كارتىسىنىڭ بانكا ھالقىغان سودىسىنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى بولسا ساياھەتچىلىك ساھەلىرىدىكى كارتا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش بولۇپ قالغان. ساياھەتچىلىك جەمئىيىتى تۈرىدىكى خېرىدارلارنىڭ كارتا ئىشلىتىش سودا سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %68 ئاشقان، چوڭ تىپتىكى ساياھەت رايونلىرىدىكى بېلەت سېتىلىش سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %47 ئاشقان، ساياھەتچىلىككە چىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايروپىلان بېلىتى سېتىش، تاشيول يولۇچىلار ترانسپورتى ۋە ماي قاچىلاش تۈرىدىكى سودىلارنىڭ سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %66، %60 ۋە %55 ئاشقان. تۆمۈر يول كۆزنىكىدە كارتا ئىشلىتىپ بېلەت سېتىۋېلىش سودا سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 ھەسسە ئاشقان، «بانكىلار بىرلەشمە كارتىسىنىڭ توردا تۆلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق توردا بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ كۈندىلىك سودا مىقدارى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا تېز سۈرئەتتە ئاشقان.يېڭىلىق يارىتىپ پۇل تۆلەش بايرام مەزگىلىدىكى كارتا ئىشلىتىپ پۇل تۆلەشتىكى بىر يورۇق نۇقتا بولۇپ قالغان. «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇل-مۇئامىلە ICكارتىسىنىڭ سودا سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 39 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، «بانكىلار بىرلەشمە كارتىسىدا توردا پۇل تۆلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق توردا ھەق تاپشۇرۇش، سودا ساياھىتىنى ئالدىن زاكاز قىلىش، كرېدىت كارتىسىدا قەرز تۆلەش، توردا مال سېتىۋېلىش قاتارلىق تۆلەش سوممىلىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارغان بولۇپ، كۈندىلىك سودا سوممىسى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە توردا چېگرا ھالقىپ بىۋاسىتە سېتىۋېلىش كۈندىلىك سودا سوممىسى 2 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号