21-مارت ئەتىگەنلىك بازاردا، خەلقئارادا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي ئالتون ئوبروت بىرژىسىدىكى AU9999 ۋە AU9995 ھەمدە، T+D ئالتۇننىڭ نەق مال باھاسى ئۆستى. AU9999 ئالتۇننىڭ باھاسى ئەتىگەنلىك بازاردا ھەر گىرىمى 302.50 يۈەندىن باشلىنىپ، چۈشتە ئەڭ يۇقىرى باھاسى ھەر گىرىمى 303.60 يۈەن، ئەڭ تۆۋەن باھاسى ھەر گىرىمى 303.20 يۈەن ئەتىراپىدا بولدى. ئەتىگەنلىك بازارنى يىغىدىغان ۋاقىتتا ھەر گىرمى 303.30 يۈەندىن يىغىلىپ، ئالدىنقى ئوبروت كۈنىدىكىدىن 2.45 يۈەن ئۆستى. ئۆسۈش نىسبىتى %0.78 پىرسەنىت بولدى. (Au (T+D ئالتۇننىڭ بۈاھاسى ئەتىگەندە ھەر گىرىمى 302.99 يۈەندىن باشلىنىپ، چۈشتە ئەڭ يۇقىرى باھاسى ھەر گىرىمى 303.39 يۈەن، ئەڭ تۆۋەن باھاسى ھەر گىرىمى 303.80 يۈەن بولدى. ئەتىگەنلىك بازارنى يىغىدىغان ۋاقىتتا، ھەر گىرىمى 302.95 يۈەندىن يىغىلىپ، ئالدىنقى ئوبروت كۈنىدىكىدىن 3.05 يۈەن ئۆستى. ئۆسۈش نىسبىتى %1.02 پىرسەنىت بولدى. AU9995 ئالتۇننىڭ باھاسى ئەتىگەنلىك بازاردا ھەر گىرىمى 303.50 يۈەندىن باشلىنىپ، چۈشتە ئەڭ يۇقىرى باھاسى ھەر گىرىمى 303.60 يۈەن، ئەڭ تۆۋەن باھاسى ھەر گىرىمى 302.80 يۈەن بولدى. ئەتىگەنلىك بازارنى يىغىدىغان ۋاقىتتا، ھەر گىرىمى 303.34 يۈەندىن يىغىلىپ، ئالدىنقى ئوبروت كۈنىدىكىدىن 2.34 يۈەن ئۆستى. ئۆسۈش نىسبىىتى %0.78 پىرسەنىت بولدى. خەلقئارا ئالتۇن نەق مال بازىرى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، ئالتۇننىڭ باھاسى ئالدىنقى ئوبروت كۈنىدىكىدىن داۋاملىق ئۆسۈش يۈزلىنشىدە تۇردى. بازارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى باھاسى ھەر ئۇنسىيىسى 1428.60 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى (يەنى بىر ئۇنسىيە 31.10 گىرامغا تەڭ). غەرب كۈچلىرىنىڭ لىۋىيىگە قارىتىلغان ھەربىي ھوجۇمى، ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سېتىۋېلىش كەيپىياتى بارغانسېرى ئېشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيىدىكى يادىرو كىرزىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىمۇ، بازارنىڭ دىققەت قىلىدىغان قىززىق نوقتىسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号