دۇنيادىكى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان قالتىس رەڭگارەڭ جايلار |


قالتىس سىھرى كۈچكە ئىگە بىلىقچىلىق كەنتى مانا روللا كەنتى ئىتالىيەنىڭ شىمالى دىڭىزىدىكى بىر بىلىقچىلىق كەنتىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، لىكىن ئۇ بىلىقچىلىق كەنىتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىرى . مانا بۇ رەڭگارەڭ قۇرۇلۇشلار ئىتالىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا تىخىمۇ يىقىملىق كۆرىنىدۇ . كىشىلەر بۇيەردە ئارامبەخىش دىڭىز ساھىلى مۇھىتىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ . چۈنكى بۇ يەرگە خالىغانچە ماشىنىلارنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنغان. ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كىمىدە ، بەلگىلەنگەن ماشىنىدا ياكى مىڭىپ كىرىپ ساياھەت قىلىدۇ .

بوئىنىس ئايرىستىكى بورك رايونىدىكى ئىمارەتلەر رەڭگارەڭلىكى بىلەن نام چىقارغان بۇلۇپ ، بۇلۇپمۇ ئامىنىتو كوچىسى گۈزەللىكى بىلەن داڭلىق . مانا بۇ رەڭلىق مۇھىت بۇ رايوننىڭ سەنئەت خاراكتىرى بىلەن زىچ بىرلەشكەن بۇلۇپ ئەگەر بۇ يەرگە كەلسىڭىز يەنە ياشلارنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .

جايپۇر ھىندىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇلۇپ مانا شاپتۇل چىچىكى رەڭگىدىكى گىرانىت تاشلاردىن تۈزۈلگەن ھەيۋەتلىك ئىمارەت. بۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىنلا ئۇنىڭ نىمىشقا ‹‹شاپتۇل چىچىكى ئوردىسى›› دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز بۇ ئىمارەتنىڭ مىڭدىن ئارتۇق دەرىزىسى بۇلۇپ خانلىق ئوردىسىدىكى ئاياللار خالىغانچە سىرتتىكى قاينام تاشقىنلىق دۇنيادىن بەھىر ئالالايتتى .

مالاي رايونىنىڭ تارىخى خۇددى مانا بۇ ئۆيلەرگە ئوخشاش رەڭگارەڭ . 17- ۋە 18- ئەسىردە بۇ يەردە گوللاندىيەلىكلەر ۋە مالايسىيا ، ھىندىنوزىيە، سىرلانكىدىن ئىلىپ كىلىنگەن قۇللار ئولتۇراقلاشقان ئىدى . بۇ يەردە قۇيۇق مۇسۇلمانچە پۇراق بۇلۇپ ، مەسچىت ، مەدرىسلار بار ئىدى . بۇ يەردە ئەزەلدىن بىرسى سىزدىن ۋاقىتنى سورىمايدۇ . چۈنكى 1806- يىلىدىن تارتىپ بۇ يەردە قاق چۈش مەزگىلىدە ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىدىغان بۇلۇپ يەرلىكلەر مانا مۇشۇ ئوق ئاۋازىغا تايىنىپ ۋاقىتنى پەرىقلەندۈرىدۇ .

دانىيەنىڭ چۆچەك ئاتىسى ئاندىرسون مانا مۇشۇ يەردە نۇرغۇنلىغان چۆچەكلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن . مانا بۇ يىڭى قۇرۇلغان كوپىنخاگىن دىڭىز كەنتى مانا مۇشۇ كۆل تەرىپىدىن ئىككىگە ئايرىلغان بۇلۇپ ، بايلار كۆلنىڭ جەنوپ تەرىپىدىكى سالقىن جايدا ئولتۇرىدۇ .ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى تاشتىن ياسالغان . ئادەتتىكى كىشىلەر بولسا قۇياش چۈشۈپ تۇرىدىغان تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان . ھەمدە ھەرخىل رەڭدە سىرلانغان . ھازىر بۇ يەر ئاللىقاچان ئىنتايىن گۈزەل بىر جايغا ئايلانغان بۇلۇپ 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىپ تۇرىدىغان ئاشخانا . قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىلىرى بار .

گەرچە دىڭىز پورتىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بۇ ئىمارەتلەر ياۋروپا پاسۇنىنى ئالغان بولسىمۇ ، لىكىن مانا بۇ رەڭگارەڭ رەڭلار يەنىلا كارىببىن دىڭىزى تۈسىنى ئالغان . ماڭگو سېرىقى ، ئانار قىزىلى ، نەشپۈت رىڭى ۋە قوغۇن رىڭى قاتارلىق مىۋىلەرنىڭ يىقىملىق رەڭلىرى بىلەن بېزەلگەن. يىقىملىق دىڭىز شامىلى ۋە مۇكەممەل دىڭىز مەنزىرىسى قۇشۇلۇپ سىزنى دىڭىز بويىدىكى گۈزەل تۇرمۇشتىن قانغىچە بەھىرلەندۈرىدۇ .

سارۋادودىكى باروكو پاسونىدىكى بۇ ئىمارەتلەر بەلكىم سىزگە كونا قاراڭغۇ تارىخنى ئەسلىتىدۇ . بۇرۇن بۇ يەر باخىيا قۇللار شەھىرىنىڭ مەركىزى ئىدى . بۇ 1835-يىلىغىچە داۋاملاشقان . ھازىر ئافرىقا قىتئەسى ۋە بىرازىلىيەنىڭ مەدىنىيىتى بۇ يەردە زىچ بىرىكىپ كەتتى . ئەگەر سىز ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە كۈن بولغان ھەپتىنىڭ 2- كۈنى بۇ يەرگە كەلسىڭىز بۇ يەرنىڭ ئىنتايىن قاينام تاشقىنلىق بىر مەنزىرىسىگە ئۇچرايسىز . چۇنكى بۇ كۈندە نامراتلار چىركاۋنىڭ ھەقسىز بولكىسىغا ئېرىشىدىغان بۇلۇپ كوچىدا كىشىلەر سەكرەپ تاقلاپ ، ئۇسۇل ئويناپ بىر بايرام كەيپىياتىنى ھاسىل قىلىدۇ .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-3 13:55:11 كۆرۈلۈشى : 39 قېتىم] |
|