مەستچىلىكتە ئىككى مۇلازىم قىزنى مەجبۇرى سۆيگەن قىز تۆلەمگە قالدى |
(قىستۇرما رەسىم،خەۋەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز)
جۇڭگو خەۋەر تورى 21-ئىيۇلدىكى تېلېگراممىسى گۇاڭشى لىيۇجوۋ ساقچى دائىرىلىنىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرى،7-ئاينىڭ 18-كۈنى 20 ياشلىق باشقا جايدىن كەلگەن پى خانقىز لىيۇجوۋ شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدىن ياتاق زاكاز قىلىپ قويغاندىن كېيىن دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ ھاراقنى جىق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان. قايتىپ كېلىپ لېغىتتىن چىقىۋاتقاندا شۇ مېھمانخانىدا ئىشلەيدىغان 16 ياشلىق مۇلازىمەتچى قىز ۋېيxxنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتكەن. لېغىت توختاپ ئىشىك ئېچىلغاندا مۇشۇ مېھمانخانىدا ئىشلەيدىغان يەنە بىر مۇلازىمەتچى ئىلىxx يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ، بۇنى كۆرگەن پى خانقىز ئېتىلىپ بېرىپلا لىxxنى قۇچاقلىۋېلىپ چىقىپ بىرگە ئويناپ كېلىش تەكلىپىنى قويغاندا ئىلىxxنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچۇرغان. 17-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە، پى خانقىز ياتاقنى قايتۇرماقچى بولغاندا ھېلىقى ئىككى مۇلازىمەتچى قىزچاق تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ۋە ئۆزلىرىگە تۈنۈگۈن قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى ۋە 1000 يۈەن تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ قالغان. كېيىن ساقچىلارنىڭ ياراشتۇرۇشى ئاستىدا پى خانقىز ئۇلاردىن مەستچىلىكتە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قاپتىمەن دەپ كەچۈرۈم سورىغان، ھەم يېنىمدا كۆپ پۇل يوقكەن دەپ 600 يۈەن تۆلەم بەرگەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-7-21 19:13:30 كۆرۈلۈشى : 4610 قېتىم] |
|