10 ياشلىق بىلاندۇ
خەلقئارا مەخسۇس تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر 10 ياشلىق فرانسىيەلىك قىزنىڭ مودا رەسىمى يېقىندا فرانسىيەدىكى VOGUE مودا ژورنىلىغا بېسىلدى. ئۇ رەسىمدە قېنىق گىرىم قىلغان، پىشقان ئاياللاردەك ياسىنىپ،پىشقان ئاياللاردەك قىياپەتتە ئىدى. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشى ۋە بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئەيىبلەپ، بۇنچىلىك كىچىك قىزنى پىشقان ئاياللاردەك مودا رەسىمگە چۈشۈرۈش، قىزنىڭ پىسخىكىسىغا ئىنتايىن زىيانلىق دەپ قارىدى. بۇ قىزنىڭ ئىسمى سەيلەن.بىلاندۇ بولۇپ كوتى دى ئىۋۇئېردا تۇغۇلغان. قېنىق گىرىم، ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بىلەن ياش ئاياللاردەك چۈشكەن رەسىمى فرانسىيەVOGUE مودا ژورنىلىنىڭ سىرتىغا بېسىلغاندىن كېيىن، بۇ توردا بەس- مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇ 60- يىللاردىكى 15 يېشىدا مودا ئېقىم ژورنىلى «Elle» غا چىققان فرانسىيەلىك مودېل بېرىجىت. باردوتقا سېلىشتۇرۇلدى. كىچىكلا بىر قىزنىڭ پىشقان ئاياللاردەك ياسىنىپ مودا ئېقىم ژورنىلىغا بېسىلىشى ئەنگلىيەدە زور بەس- مۇنازىرە پەيدا قىلدى. ئەنگلىيەھۆكۈمىتى يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بالىلارنى ئېلان قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىغا چىقارماسلىققا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە «ئانىلار بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى رەگ. بايلى بۈگۈنكى زاماندىكى بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنى باھالاشقا مەسئۇل. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« ئۇ رەسىملەرنى تارتىش ئۈچۈن قېنىق گىرىم قىلىپ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ، ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك،بۇنداق قىلىش بلاندۇنىڭ بالا بولۇش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانلىق». بۇ ئوروننىڭ تەكشۈرۈشىچە، %88 ئانىلارنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ تېز يېتىلىشى بىلەن بالا دۇچ كېلىدىغان بېسىم ئېغىر بولىدىكەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号