شىنخۇا تورى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى: شىياڭگاڭ «ۋېنخۈي گېزىتى» نىڭ 3-ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، سىڭگاپوردىكى داڭلىق كىچىلىك بەزمىخانا Zoukتا بىر ئايال ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن« ئۆچ ئېلىش پەرىشتىسى»گە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ شىپرىسنى كۆتۈرۈپ بەزمىخانىدا قالايمىقان يۈگۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىنىنى كىشىلەرگە قالايمىقان ئۇرۇپ، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرماقچى بولۇپ،قالايمىقانچىلىق چىقاردى. بەزمىخانا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى. سىڭگاپوردىكى داڭلىق مۇنبەرلەردە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ئوخشىمىغان بەزمىخانىدا پەيدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. ئۇنىڭ ئىچىدە بۇ ئايال Zouk ئەڭ كۆپ پەيدا بولىدىكەن. بىر تورداشنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ دوستى بەزمىخانىدا ئويناۋاتقاندا بىر ئايال ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ،ئۇ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرىۋەتكەن. كېيىن ئۇ ئايالنىڭ ئەيدىز كېسىلى بارلىقى ئىسپاتلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچ 19 ياشلىق قىز بولۇپ، بەزمىخانىنىڭ دائىمىلىق مىھمىنى ئىكەن. كېيىن بىر ناتونۇش ئەر ئۇنىڭغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ قىز باشقىلارغا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويماقچى بولغان. ئۇنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئاساسلىق چىرايلىق قىزلار ئىكەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号