تام كىروسنىڭ ئاجرىشىش دېلوسى كېلىشىم بىلەن ئاخىرلاشتى |


تام كىروسنىڭ قىزىنىڭ بېقىش ھوقۇقى كەيتىگە بۇيرۇلدى . 7-ئاينىڭ 9- كۈنى ئەتىگەندە تام كىروسنىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئادۋوكاتى كۆپچىلىككە شۇنى جاكارلىغان بولۇپ تام كىروس بىلەن كەيت ھولمىسنىڭ ئاجرىشىش دېلوسى بىر تەرەپ بولغان ۋە ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ئاجرىشىشنى ئىمزالىغان . كەيت بولسا ئالتە ياشلىق قىزى سۇرىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ سۇرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تام قىزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە بېرىپ ئۇنى كۆرىدىغان ھوقۇققا ئىگە بولدى.لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن ھوقۇقۇم تام كىروس قىزى بىلەن بالا باققۇچى ياكى قاراۋۇلنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا كۆرۈشۈشى كېرەككەن. تام كىروسنى ئاجرىشىش ئەنزىسى كېلىشىم بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغان ،بىراق بەزىلەرنىڭ پەزەر قىلىشىچە بۇنىڭدىكى سەۋەب كەيت تام كىروسقا ئۇنىڭ بەزى شەخسى ئىشلىرى ۋە دىنى مەزھەپ توغرىسىدىكى مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىدىغانلىقىنى توغرىسىدا تەھدىت سالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. كەيتنىڭ ئاغزىنى ئاچماسلىق توغرىسىدىكى ئىش ئۇلارنىڭ ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىچىدىكى ماددىلارنىڭ بىرى بۇلۇشى ئىنىقكەن . كەيتنىڭ ئادوۋكاتى نېتسون ۋورف چۈشەندۈرىشىدە:‹‹ئىككەيلەننىڭ ئاجرىشىش ئىشى ئاللىقاچان ھەل بولدى ۋە ئاللىقاچان ئاجرىشىش كىلىشىمىگە قول قۇيۇلدى. بىراق كىلىشمنىڭ مەزمونىنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ،مەن كەيت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ناھايىتى خوش بولىۋاتىمەن ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى يىڭى تۇرمۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز تام كىروسنىڭ ئادوۋكاتىنىڭ بىزنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە تىرىشچانلىقىغا رەخمەت ئېيتىمىز، ئۇنىڭ بۇ ئەنزىنىڭ بالدۇر ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۆپ ياردىمى بولدى .›› ھوللېۋودتىن كەلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا تام كىروس كەيت ئوتتۇرىغا قويغان تۆلەم ۋە سۇرىيەنىڭ بېقىش راسخوتى قاتارلىقلارنى بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئانا - بالا ئىككىيلەن داۋاملىق نىيويوركتىكى داچىسىدا تۇرغان . ئۇنىڭدىن باشقا كەيت ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تام كىروسنىڭ بۇرۇنقى ئايالى نېك جىدمەننىڭ ئاسراندى قىزى ‹‹بېلا كىروس››نى ئىشتىن رەسمىي بوشاتقان. بېلا بۇنىڭدىن ئىنتايىن تاسادىپىيلىق ھېس قىلغان.چۈنكى كەيت بىلەن بېلانىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ ھەتتاكى ئۇنى ‹‹ ئاپا›› دەپ چاقىرىدىكەنتۇق. ئېغىزىدىلا ئىشتىن بوشاتقاندىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەي ،كەيت ئاجرىشىشنى قارار قىلغان. بۇ خۇددى ئاجرىشىش كۆرۈشىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقاندەكلا بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى ئاجرىشىش ئىشلىرىنىڭ باش ئاخىرىدىن قارىغاندا بۇ كەيتنىڭ ‹‹ ئالدىن پىلانلانغان سۇيىقەست››ى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ ئۇ باشتىن ئاخىرى شۇنچىلىك تەمكىن ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى بەخىتلىك ئائىلىسى
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-7-10 14:58:30 كۆرۈلۈشى : 1789 قېتىم] |
|