جۇڭگو تەيۋەن تورىنىڭ 6-ئاپرىل خەۋىرى: تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەينەن شەھىرىدىكى بىر ئەر ئايالى بىلەن بولغان جىنسىي تۇرمۇشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، رەزىل قولىنى ئىككى نەپەر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا، ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۆگەي قىزلىرىغا سۇنغان، ۋاقىت 4 يىلغا سوزۇلغان. سوت بۇ ئەرنىڭ ئىككى ئۆگەي قىزىغا 17 قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئەرنىڭ جىنايى قىلىمىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 120 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 18 يىللىق قاماق جازاسى يۈرگۈشنى ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈمنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان ۋاڭ فامىلىلىك ئۆگەي دادا تەينەن شەھىرىدىن بولۇپ، 12 ياش ۋە 10 ياشلىق ئىككى قىزى بار تۇل خوتۇن بىلەن توي قىلغان، ئايالىنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرالمىغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەھشىي ئەر ئىككى ئۆگەي قىزىغا زىيانكەچلىك قىلغان.2006-يىلى 11-ئايدا، ئەر ۋاڭ ئۆيىدە ئادەم يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان كىچىك قىزى بىلەن تۇلۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزىغا باسقۇنچلىق قىلغان، چوڭ قىز ئانىسىنىڭ بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن قوبۇل قىلالماي ئۆلۈۋېلىشىدىن قورقۇپ، ھەمدە ئائىلىسىنىڭ ئۆگەي دادىسىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ ئىشنى يوشۇرۇشنى قارار قىلغان. ئەر ۋاڭ بۇ ھايۋانى قىلمىشىنى تۆت يىل داۋاملاشتۇرغان.كىچىك قىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسىغا دېگەن، بۇنىڭ بىلەن ئەر ۋاڭ قانۇننىڭ تورىغا چۈشكەن. سوت ئەرنىڭ تۆت يىل ئىككى ئۆگەي قىزىغا 17 قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى جىنسىي زىيانكەچلىكى ئۈچۈن، جەمئىي 120 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 18 يىل قاماق جازاسىنى يۈرگۈزۈشكە ھۆكۈم قىلغان.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号