ئېرىنىڭ ئاشنىسىنى تىللاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلغان ئايال |
ۋېنئەن ناھىيىسىدىكى خىزمەتچى خادىم لىيۇ X، ئەر-ئاياللىق ھېسىياتىنى قەدىرلىمەي، بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى ۋاڭ X بىلەن ئەر-ئاياللىق نامىدا قانۇنسىز بىر ئۆيدە تۇرغان، لىيۇ X نىڭ ئايالى جاڭ X بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن كۆپ قېتىم لىيۇ X بىلەن نىزالاشقان، لىيۇ X ئەكسىچە خاتالىقىنى ئازراقمۇ تۈزەتمىگەن. جاڭ X ئاچچىغىدا ۋاڭ X نى بولۇشىغا تىللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرىۋالغان. ئالدىنقى كۈنى، لىيۇ X، جاڭ X قوش نىكاھلىق بولۇش ۋە باشقىلارنىڭ ھاقارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ۋېنئەن ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى.
لىيۇ X بولسا خۇبېيلىق، بۇ يىل 1-ئايدا ۋېنئەن ناھىيىسىگە كېلىپ مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا باشلىغان. لىيۇ X بىر زاۋۇتتا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاڭ X بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئارىلىشىشقا باشلىغان، ئارىلىقتا، لىيۇ X نىڭ ئايالى جاڭ X كۆپ قېتىم لىيۇ X نىڭ قىلمىشىنى بايقاپ، ياخشى گەپ سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىپ ئۇنى يامان يولدىن قايتۇرماقچى بولغان، ئەمما لىيۇ X خاتالىقىنى داۋاملىق ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ، ۋاڭ X بىلەن ئالاقە قىلىپ يۈرگەن. شۇ سەۋەپتىن، جاڭ X كۆپ قېتىم يولدىشى لىيۇ X بىلەن نىزالىشىپ قالغان. لىيۇ X ئايالىنىڭ نەسىھەتىنى ئۇ قۇلاقتىن ئاڭلاپ بۇ قۇلاقتىن چىقىرىۋېتىپلا قالماي، يەنە 4-ئايدا ۋاڭ X بىلەن ئەر-ئاياللىق نامىدا بۇ زاۋۇتنىڭ ياتىقىدا قانۇنسىز بىللە تۇرغان.
ئايالى جاڭ X ئېرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى لىيۇ X ئىشلەۋاتقان زاۋۇتنى تاپقان ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تۈلكە جىن ۋاڭ X نى تىللاپ ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋەتكەن. ۋاڭ X ياتىقىغا كىرىۋېلىپ بىر كۈن يىغلىغان، شۇ كۈنى كەچتە، ۋاڭ X ھاقارەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرىۋالغان.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2011-9-8 18:03:18 كۆرۈلۈشى : 4589 قېتىم] |
|