چېڭلوڭ چەتئەل تىلىدىكى يېڭى فىلىمدە رول ئالىدىغان بوپتۇ |

ۋاقىت تورى خەۋىرى، ھوللىۋودنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق كىنو شاھى چېڭلوڭ «مۆچەل»فىلىمىدىن كېيىن قىززىقارلىق ھەرىكەتلىك فىلىمدە رول ئالىدىكەن ھەمدە بۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم چېڭلوڭنىڭ 2010-يىلى رول ئالغان «ئالاھىدە ئۆي خىزمەتكارى» دىن كېيىنكى تۇنجى ئىنگلىز تىلىدا ئىشلىگەن فىلىمى ئىكەن. لېكىن بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى تېخى قويۇلمىغان بولۇپ، چېڭلوڭ بۇ فىلىمدە ئىككى رولغا چىقىدىكەن. بۇ فىلىم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، شەرقىي ياۋروپا، جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن.
بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى چېڭلوڭ رول ئالغان ساقچى ئامېرىكىلىق بىر قىمارۋازنى قولغا ئالىدىغان بولۇپ، بۇ قىمارۋاز ئەسلى ئاۋمېن قىمار مەيدانىدا نۇرغۇن پۇللارنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن.....
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان چېڭ لوڭ رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ كىنولىرى بولۇپ، «12مۆچەل »ناملىق فىلىمنىڭ سېنارىيىسىنى ئۆزى يېزىپ ، فىلىم ئىشلەشكە ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان. چېڭ لوڭ بۇ فىلىمنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەرىكەتلىك فىلىمى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قەدەر خەتەرلىك بولغان ھەرىكەتلىك فىلىملەردە رول ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ فىلىم 12-ئاينىڭ 20-كۈنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، «12مۆچەل»ناملىق فىلىم چېڭلوڭ رەھبەرلىكىدىكى چېڭلوڭ خەلقئارالىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بېيجىڭدىكى تاڭ دې خەلقئارالىق مەدەنىيەت كەسپىي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ چىققان ئىكەن. چېڭ لوڭ شىركىتى بىلەن تاڭ دې شىركىتى 2010-يىلى بىر قېتىم ھەمكارلاشقان ئىكەن.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-6-30 17:07:08 كۆرۈلۈشى : 2325 قېتىم] |
|